بۇرۇن غۇلجىدا ئەمەر ئاكا دەپ بىر پادىچى بار بولۇپ، ئۇ كىشى بولۇق ئۆسكەن يايلاق قوغلىشىپ يۈرۈپ، يىراق شەرق دېڭىز بوغۇزىغا بېرىپ قاپتۇ. قىش كەلگەندە پادىلىرىنى مۇزدىن ھەيدەپ ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بېرىپ قاپتۇ. ھەم شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، بالا – چاقىلىق بوپتۇ. ئەمەر ئاكا قائىدىلىك، خۇش مىجەز، ئەخلاقلىق، ياخشى ئادەم بولغاچقا، نامى ئەل يۇرتقا تارقىلىپتۇ. ئۇ ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن «ئەمەركا» دەپ ئاتىلىپتۇ. 15 – ئەسىرگە كەلگەندە يۇرت كېزىپ يۈرگەن ئىتالىيە دېڭىزچىلىرى ئەمەركامنىڭ يۇرتىغا بېرىپتۇ. ۋە ئۇلارمۇ ئومۇمىي ئادەت بويىچە بۇر قۇرۇقلۇقنى «ئەمەركا» دەپ ئاتاپ خەرىتىسىگە يېزىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ نام بۈگۈنگىچە ئەمەركا دەپ ئاتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.