ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)

ۋاقتى: 2012-08-13 / ئاپتور: / سەھىپە: ساھابىلار / كۆرۈلۈشى:782 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاللاھ

ئەبۇ مۇسا بەسرەگە ۋالىي بولۇپ بارغان چاغدا، شەھەر ئاھالىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا:

ـ مۆئىمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر مېنى سىلەرگە اﷲ نىڭ كىتابىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىتىشكە ۋە يوللىرىڭلارنى تازىلاپ بېرىشكە ئەۋەتتى، ـ دېدى. كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىشتى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان ھاكىملارنىڭ ئۆز خەلقىگە ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى چۈشىنەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ يول تازىلاش ۋەزىپىسى بارلىقى كىشىلەرگە غەيرى تۇيۇلغان ۋە ئۇلارنى ئەجەبلەندۈرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇ توغرۇلۇق:

ـ بەسرەگە ئەبۇ مۇسادىن ياخشىراق بولغان، پۇقرالىرىغا كۆيىنىدىغان ئىككىنچى بىر ۋالىي كېلىپ باقمىدى، ـ دېگەن ئىدى.

ـ ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى قەيس بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇندىنلا ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇ مەككىدە نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان، كىشىلەرنى پەقەت بىر اﷲ قىلا چوقۇنۇشقا چاقىرىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇيدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ئانا يۇرتى يەمەندىن دەرھال مەككىگە يېتىپ كەلدى. مەككىدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇرئان ۋە ئىسلامنى ئۆگەندى. ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، اﷲ نىڭ سۆزلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ شۇندىن كېيىنكى 10 يىللىق ھاياتى توغرۇلۇق بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق. خەيبەر غازىتى ئاياغلىشىش بىلەنلا، ئۇ مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەدىنىگە قايتىپ كېلىشى دەل جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستاندىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇشال ـ خۇراملىق ئىچىدە قارشى ئالدى.

ئەبۇ مۇسا مەدىنىگە يەمەندىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان 50 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئەبرەھەم ۋە ئەبۇ بۇردەلەرمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بىر توپ ئادەملەرنى “ ئەشئەرىيلەر “ دەپ ئاتىدى، ھەتتا ئۇ بەزىدە بارلىق يەمەنلىكلەرنى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىينىڭ نامى بۇيىچە “ ئەشئەرىيلەر “ دەپ ئاتايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمى تەبىئىتىنى ماختايتتى ۋە باشقا ساھابىلەرنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش ـ پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىراتتى. ئۇ بىر قېتىم ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىدى: “ ئەگەر ئەشئەرىيلەر بىرەر غازاتقا ياكى سەپەرگە بارسا، گەرچە يەيدىغان نەرسىسى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى بىر پارچە رەختنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزلىرى ئارىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىدۇ، جەزمەنكى ئۇلار ـ مەندىن، مەن ـ ئۇلاردىن. ”

ئەبۇ مۇسا مۇسۇلمانلار جامائەسى ئىچىدە ناھايىتى تېزلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئېسىل خىسلەتلىرى بار ئىدى. ئۇ تۇغما تالانتلىق ئىسلام فىقھىشۇناسى (قانۇنشۇناس) بولۇپ، مەسىلىلەرگە ناھايىتى توغرا ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇڭلاشقا دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قازىلارنىڭ بىرى ھېساپلىناتتى. كىشىلەر دائىم:

ـ بۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدە قازىلار تۆت: ئۆمەر، ئەلى، ئەبۇ مۇسا ۋە زەيىد ئىبنى سابىت، ـ دېيىشەتتى.

ئەبۇ مۇسا مۇلايىم، چىقىشقاق ئادەم ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك ئادەم بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇ قورقماس، چىداملىق ۋە ماھارىتى ئۈستۈن باتۇر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىدى:

ـ چەۋەندازلارنىڭ ئۇستىسى ـ ئەبۇ مۇسا.

ئەبۇ مۇسانىڭ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتىكى قابىللىقى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئالدانمايتتى. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆزىتىپ، ئاندىن قەتئى ئىرادە بىلەن ھەركەت ئېلىپ باراتتى. ئەبۇ مۇسا بىر قېتىم ساسانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىدىن ئۆتىدىغان مۇسۇلمانلار ئارمىيىسىگە قۇماندان بولدى. ئىسفاھاندا كىشىلەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن جىزىيە تۆلەشكە كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار جىزىيەنى سەمىمى ـ ساداقەت بىلەن بەرگەن بولماستىن، بەلكى مۇسۇلمانلارغا ۋەھشى ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى ئىزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى چۈشىنىپ، ناھايىتى ئىھتىيات بىلەن ئىش كۆردى. شۇڭلاشقا ئىسفاھانلىقلار ھۇجۇم قوزغىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ باشلىقى قىلچە ھۇدۇقماستىن، شۇ تەييارلىق بۇيىچە مۇسۇلمانلارنى جەڭگە ئۇيۇشتۇردى، ئەتىسى چۈشكە قالماي ھەل قىلغۇچ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

كۈچلۈك ساسانىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئاساسلىق ئۇرۇشلاردا، ئەبۇ مۇسا ئاساسلىق رول ئوينىغان، بۇلۇپمۇ مەشھۇر تۇستەر غازىتىدا ئۇ ھەربى قۇماندان بولۇپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان ئىدى. پىرسىيە قۇماندانى ھورمۇزان ئۆزىنىڭ ساناقسىز قۇشۇنلىرىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىنىۋاتقان تۇستەر شەھرىگە چېكىندۈردى. خەلىپە ئۆمەر دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە سەل قارىماي، قاتتىق تەربىيە ئالغان جەڭگىۋار بىر قۇشۇن تەشكىللەپ ھورمۇزانغا قارشى ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلار ئارمىيىسى ئىچىدە جەڭگە پىشقان پىشقەدەم ساھابىلەردىن ئەممار ئىبنى ياسىر، بەرا ئىبنى مالىك ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەنەس، مەجرائە بەكرى ۋە سەلەمە ئىبنى راجە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۆمەر قۇشۇنغا ئەبۇ مۇسانى قۇماندان قىلدى. تۇستەر قاتتىق مۇداپىئە قىلىنغاچقا، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش مۇمكىن بولمىدى، شەھەر قاتمۇ ـ قات مۇھاسىرە قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ھۇجۇملار پەقەت شەھەر سېپىلىدا يۇچۇق، كامارلارنىلا پەيدا قىلالىدى. ئۇزۇن داۋاملاشقان جاپالىق مۇھاسىرە مۇسۇلمانلارنىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى. خۇددى بەرا ئىبنى مالىكنىڭ ۋەقەلىكىدە تىلغا ئالغىنىمىزدەك، پىرسىيەلىكلەر قەلئە تاملىرىدىن ئۇچلىرىغا چوغدەك قىزىتىلغان ئۆتكۈر پۇلات قارماقلار ئېسىلغان زەنجىرلەرنى تاشلاشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار قارماقلارغا ئىلىنىپ قالغۇدەكلا بولسا، قارماق ئۇلارنى قەلئەگە كۆتىرىپ كېتەتتى، ئۇلار ئۆلەتتى ياكى چالا ئۈلۈك بۇلاتتى. ئەبۇ مۇسا بارغانسىرى چىدىغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ھالەت گىرداۋىدىن پەقەت ھىلە ـ نەيرەڭ ۋە تاكتىكا ئارقىلىقلا قۇتۇلغىلى بۇلىدىغانلىغىنى چۈشەندى. بەختىگە يارىشا دەل شۇ چاغدا بىر پىرسىيەلىك مۇسۇلمانلار قۇشۇنىغا ئەل بولۇپ كەلدى. ئەبۇ مۇسا ئۇنى سېپىلنىڭ ئارقىسىدىن شەھەرگە قايتىپ، ئامال قىلىپ شەھەر دەرۋازىسىنى ئىچىدىن ئېچىپ بېرىشكە كۆندۈردى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاھىدە تاللانغان كىچىك بىر قۇشۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ۋەزىپىنى غەلبىلىك ئورۇنلاپ، دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، ئەبۇ مۇسانىڭ ئارمىيىسىگە يول ئاچتى. بىر نەچچە سائەت ئىچىدە شەھەر ئىشغال قىلىندى.

گەرچە ئەبۇ مۇسا قورقماس، كۈچلۈك پالۋان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدىن ئايرىلسىلا، ناھايىتى سەۋرچان ۋە كۆپ يىغلايدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق چاغلاردا ئۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك ـ باغرىنى ئېزىدىغان تۇلىمۇ مۇڭلۇق ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى. ئۇنىڭ تەسىرلىك ۋە يېقىملىق قىرائىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى:

ـ ھەقىقەتەن ئەبۇ مۇساغا داۋۇدنىڭ نەيلىرىدىن بىرسى بېرىلگەن. ئوخشاشلا، ئۆمەر (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇ دائىم ئەبۇ مۇسانى چاقىرىپ، اﷲ نىڭ كىتابىدىن تىلاۋەت قىلدۇراتتى ۋە دەيتتى:

ـ ئى ئەبۇ مۇسا، پەرۋەردىگارىمىزغا بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرغىن. ئۆزىنى قۇرئان كەرىمگە بېغىشلىغانلىغىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە، ئەبۇ مۇسا قۇرئان ئايەتلىرىنى قوليازما قىلىپ چىققان ئازغىنە ساھابىلەرنىڭ بىرسى بولغان ئىدى.

ئەبۇ مۇسا پەقەت اﷲ نىڭ دىنى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان، ئىماننىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان مۇشرىكلارنىڭ قۇشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشقىلا قاتنىشاتتى. ناۋادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش بۇلۇپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنىڭدىن دەرھال ئۆزىنى قاچۇراتتى، ھەرگىزمۇ نەزەر سېلىپ قويمايتتى. ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆتىرىلگەن ئۇرۇشتا، ئۇنىڭ مەيدانى دەل ئەشۇنداق بولدى. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئۇ ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن ”ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى “ دېگەن بۇ ئىسىم تېخىمۇ تۇنۇلدى. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەبۇ مۇسا بىتەرەپ ئورۇندا تۇردى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ـ بىرىنى ئۆلتۈرۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەگەر مۇشۇ ۋەزىيەت داۋاملاشسا، مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى تۇلىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، خەلىپە ئەلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرسە، مۇئاۋىيەمۇ خەلىپە بولۇش دەۋاسىدىن ۋاز كەچسە، ئاندىن مۇسۇلمانلار كىمنىڭ خەلىپە بولۇشىنى لايىق تاپسا، شۇنى خەلىپىلىككە سايلىسا ئىش ئوڭشالغان بۇلاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىمام ئەلى قانۇنلۇق ھالدا خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرغان ئىدى. باشقا ھەر قانداق قانۇنسىز توپىلاڭلار پەقەت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆرىۋېتىش ئۈچۈنلا قوزغالغان ئىدى. ھالبۇكى ئەھۋال تېخىمۇ بەتتەرلىشىپ كەتتى. ئۇرۇش تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ئارقىلىقلا ئىش ھەل بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىمام ئەلى مۇئاۋىيەنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىكى تەسىر كۈچى بار بىر قىسىم كىشىلەر ئەبۇ مۇسانىڭ پىكرىنى قوللىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبى، ئەبۇ مۇسا بۇ ئۇرۇشقا باشتىن ـ ئاياغ قاتناشمىغان، ئىككى تەرەپنى چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ياراشتۇرۇپ قويۇشقا، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە كۆزى يەتمىگەن چاغدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆزىنى تارتقان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئەبۇ مۇسانى ئەڭ مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقارغۇچى دەپ قارىشاتتى. ئىمام ئەلى ئەبۇ مۇسانىڭ ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىدىن، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمانلانمايتتى. ئەمما ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ناھايىتى قۇۋلىقىنى، ھىيلە ـ نەيرەڭ ئىشلىتىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە ئەبۇ مۇسانىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىگە قارىماي، ئالدامچىلىق ۋە سۈيىقەستنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە ھىيلىگەرلىك قىلماي دائىم كىشىلەرگە ئادىللىق ۋە سەمىمىيەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئەلى ئەبۇ مۇسانىڭ باشقىلارنىڭ ھىيلىسىگە ئۇچراپ كېتىپ، بۇ ياراشتۇرۇشنىڭ مەككارلىقنىڭ سەمىمىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلىشىشىدىن ۋە ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقىدىنمۇ خەتەرلىكرەك بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەبۇ مۇسا ئەلىگە، ئەمىر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيەگە ۋەكىل بولغان ھالدا ياراشتۇرۇش باشلاندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدكى بۇ تارىخى سۆھبەت ئەبۇ ھەنىيفە دەينەۋەۋىنىڭ ”ئەخبارىتتۋەل“ دېگەن كىتابىدا تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەنگەن:

ئەبۇ مۇسا: ئى ئەمىر، مەن اﷲ نى خۇشال قىلىدىغان، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بەرسەم قانداق دەيسەن؟

ئەمىر: قانداق تەكلىپ؟

ئەبۇ مۇسا: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنى خەلىپە قىلايلى، ئۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىدى.

ئەمىر: خەلىپىلىككە مۇئاۋىيەنى كۆرسەتسەم قانداق قارايسەن؟

ئەبۇ مۇسا: مۇئاۋىيەنى بۇ ئورۇنغا كۆرسەتسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ ھەم ئۇ بۇ ئورۇنغا لايىق ئەمەس.

ئەمىر: سەن ئوسماننىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەمسەن؟

ئەبۇ مۇسا: ئەلۋەتتە بىلىمەن.

ئەمىر: سەن مۇئاۋىيەنىڭ قۇرەيشنىڭ ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى بىلىسەن، ئۇ يەنە ئوسماننىڭ ۋەلىسى. اﷲ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، اﷲ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى. كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق. ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن، (يەنى قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە اﷲ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر“ سۈرە بەنى ئىسرائىل 33 ـ ئايەت. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اﷲ نىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ قېرىندىشى ھەمدە ساھابىلەرنىڭ بىرسى.

ئەبۇ مۇسا: ئى ئەمىر! اﷲ دىن قورققىن، … مۇئاۋىيەنىڭ ئىناۋىتى توغرۇلۇق تىلغا ئالغانلىرىڭغا قارىغاندا، ئەگەر خەلىپىلىك ئورنى ئىناۋەتكە ئاساسلىنىدىغان بولسا، بۇ ئورۇنغا ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم ”ئەبرەھە ئىبنى سەبباھ“، ئۇ زېمىنى مەشرىق ۋە مەغرىپكىچە كېڭەيگەن يەمەن پادىشاھلىرىنىڭ ئەۋلادى. مۇئاۋىيەنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك ئىناۋىتى بار؟ مۇئاۋىيەنى ئوسماننىڭ ۋەلىيسى دېگەن سۆزلىرىڭگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ۋەلىي بولالايدىغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ـ ئەمىر ئىبنى ئوسمان، ئەمما سۆزۈمگە قوشۇلساڭ بىز ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئوغلى تەقۋادار ئابدۇللانى بۇ ئورۇنغا كۆرسىتەيلى.

ئەمىر: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئوغلۇم ئابدۇللاھنى كۆرسەتمەيسەن؟ ئۇ گۈزەل ئەخلاقلىق، سەمىمىي، دەسلەپ ھىجرەت قىلغانلاردىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كونا ساھابىلىرىدىن.

ئەبۇ مۇسا: سېنىڭ ئوغلۇڭ سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك ئادەم، ئەمما سەن ئۇنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردىڭ. كەلگىن، بىز ياخشى ئادىمىمىز ۋە ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى ـ ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنى كۆرسىتەيلى.

ئەمىر: ئى ئەبۇ مۇسا! بۇ ئىشنى توغرا ھەل قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم ـ ئىككى دانە ئەقىل چىشى بار، بىرىدە تاماقنى چايناپ، بىرىدە ئەكىلىپ بېرىدىغان ئادەم (مۇئاۋىيەنىڭ سىياسى جەھەتتىكى زېرەكلىكىنى دېمەكچى).

ئەبۇ مۇسا: ئى ئەمىر! ئىست ساڭا، مۇسۇلمانلار بىزنىڭ بۇ ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى كۆتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار قېلىچ ـ نەيزىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا پىتنە تۇغدۇرىدىغان سۆزلەرنى ئېلىپ بارمايلى.

ئەمىر: ئۇنداقتا سەن قانداق تەكلىپ بېرىسەن؟

ئەبۇ مۇسا: ئەلى ۋە مۇئاۋىيە ئىككەيلەننى قويۇپ تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا كىمنى خالىسا شۇنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرەيلى.

ئەمىر: مەن ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىمەن.

يۇقىرىقى دېئالوگ ئەبۇ مۇسانىڭ ھەققانى ۋە زېرەك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئەمىرنىڭ مۇئاۋىيەنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىناۋىتىنىڭ چوڭلىقى ھەمدە ئوسماننىڭ ”ۋەلىسى“ بولغانلىقى سەۋەبلىك خەلىپىلىككە لايىق بولىدۇ دېگەن سۆزلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلىنى خەلىپە قىلىش تەكلىپىنى بېرىش ئارقىلىق، ئەبۇ مۇسا ھەرگىزمۇ ئۆزى ۋەكىل بولغان تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا كەتمەن چاپمايدىغانلىغىنى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن مۇۋاپىق بىر نامزاتنى ئويلىشىپ بېقىشنى خالايدىغانلىغىنى ئىپادىلىدى. ئەمىر ئاخىرى ئەبۇ مۇسانىڭ ”مۇسۇلمانلار كىمنى خالىسا شۇنى خەلىپە قىلىپ سايلاش“ دېگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئەمما ئەبۇ مۇسا ئەمىرنىڭ يۇقىرىقى كېلىشىمدىن يۈز ئۆرۈپ، ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ كېلىشىم كىشىلەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىبنى ئابباس ئەبۇ مۇسانى ئاگاھلاندۇرۇپ:

ـ اﷲ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەمىرنىڭ سېنى ئالدىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، ئەگەر ھەر ئىككىڭلار كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولساڭلار، ئۇنى ئەمىر ئاۋۋال ئېلان قىلسۇن، ـ دېدى. ئەبۇ مۇسا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك، ئەمىر كېلىشىمگە ئەمەل قىلار دەپ ئويلىدى. ئەتىسى ئەبۇ مۇسا ۋە ئەمىر يىغىلىپ بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئەبۇ مۇسا ئەمىرنى باشتا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمىر رەت قىلىپ:

ـ مەن ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈۋالمايمەن، چۈنكى سەن ماڭا قارىغاندا ھۆرمەتلىك، سەن مەندىن بۇرۇن ھىجرەت قىلغان، ياش جەھەتتىمۇ سەن مەندىن چوڭ، ـ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئەبۇ مۇسا سەل ئالدىغىراق چىقتى ۋە سۆزلەشكە باشلىدى:

ـ ئى خالايىق! بىز چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق پىكىردە بىر يەرگە كەلدۇق، اﷲ شۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئۈممەتكە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىشى مۇمكىن. بىزنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ـ بۇ ئىككى ئادەم يەنى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ھازىرقى ئورۇنلىرىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، ئاندىن مۇسۇلمانلار كىمنى خالىسا شۇنى خەلىپە قىلىپ تىكلەيدۇ. مەن ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئورۇنلىرىدىن چېكىنىشىنى قوللايمەن، ئەمدى سىلەر ۋەزىيەتنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، كىمنى لايىق كۆرسەڭلار، شۇنى خەلىپىلىككە كۆرسىتىڭلار.

بۇنى جاكارلاش نۆۋىتى ئەمىرگە كەلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە خىتاب قىلدى:

ـ ئى خالايىق! ھازىر ئەبۇ مۇسانىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭلار، ئۇ ئۆزىنىڭ دوستى (ئەلى) دىن ۋاز كەچتى، ئوخشاشلا مەنمۇ ئۇنىڭ دوستى (ئەلى) دىن ۋاز كېچىمەن ھەمدە دوستۇم (مۇئاۋىيە) نى خەلىپىلىككە كۆرسىتىمەن، چۈنكى ئۇ مۆئمىنلارنىڭ ئەمىرى ئوسماننىڭ ۋارىسى ۋە بۇ ئورۇنغا ئەڭ لايىق ئادەم.

ئەبۇ مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى، گەرچە ئۇ ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمىرنى بۇنداق ساختىپەزلىك قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ دەرغەزەپ بىلەن ئەمىرنىڭ ئالدامچىلىقىنى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تىنىچلىق ئورنىتىش ۋە ياراشتۇرۇش پۇرسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق سۆكتى. ئەمىر شۇنداق قىلىپ تىنىچلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى بىر ئەرزىمەس، قۇرۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەبۇ مۇسا بۇ توقۇنۇشتا داۋاملىق بىتەرەپ ئورۇندا تۇردى.ئۇرۇش ئاخىرى ئەلىنىڭ مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھىلىشىپ، مۇئاۋىيەنى مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ ۋالىيسى دەپ ئىتىراپ قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى.

ئەبۇ مۇسا مەككىگە بېرىپ، كېيىنكى ھاياتىنى مۇقەددەس مەسجىد (ھەرام مەسجىدى) ئەتراپىدا ئۆتكۈزدى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ھەققانى خەلىپىلىرىگە چوڭقۇر ساداقەتلىك بىلەن ياشىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنى ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەلنى كۇفەگە ۋالى قىلغان ئىدى. ئەبۇ مۇسانىڭ قۇرئانغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئىدى.ھەر دائىم قۇرئان ئوقۇش، ئەستە قالدۇرۇش، ئۇنى چۈشىنىش ۋە تەكرار قىلىش بىلەن مەشغۇل بۇلاتتى. ئۇ قۇرئان توغرۇلۇق باشقىلارغا چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلاتتى:

ـ قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، قۇرئاننى ئۆزەڭلارغا ئەگشتۈرۈشنى ھەرگىز ئارزۇ قىلماڭلار، ـ دەيتتى ئۇ.

ئەبۇ مۇسا ئادەتتە تولىمۇ چىداملىق، سەۋرچان ئىدى، ھاۋا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولۇپ كەتكەن كۈنلىرى ئۇ دائىم روزا تۇتاتتى ۋە دەيتتى:

ـ ئېھتىمال بۇنداق ھاۋا قىزىق كۈنلەردىكى ئۇسسۇزلۇق بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇسسۇز قالماسلىغىمىز ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇشى مۇمكىن.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا دائىم دېيىشنى ئادەت قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى تەكرارلايتتى:

ـ «اللهم انت السلام و منك السلام  (ئى پەرۋەردىگارىم، سەن ئامانلىق بەرگۈچى ۋە ئامانلىق سەن تەرەپتىنلا كېلىدۇ)».

مەنبە: نۇر ئىسلام

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro