چاقىلىق ناھىيەلىك پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىدىكى غالىپ بارات ئەرك ئاكىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پات يېقىندا لوپنۇر ناھىيەسىدە ”لوپنۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ ئېچىلىدىكەن. ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددي ئىشلىنىۋىتىپتۇ. ناۋادا مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچىلار بولسا، لوپنۇرنىڭ تارىخ ۋە مەدەبىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يېزىپ قاتناشتۇرسا بولىدىكەن. ھازىر ماقالە قۇبۇل قىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى چەك 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىكەن. ماقالىلار قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مۇتەخەسىسلەر تەرپىدىن تاللىنىپ قالسا، بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنىدىكەن. ھەمدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلىدىكەن. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يېزىۋاتقان، ماتىرىيال توپلاپ يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ماقالەڭلار بولسا، ئۆزۈڭلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. يازغان ماقالەڭلارنى غالىپ بارات ئەرك ئاكا ئارقىلىق تاپشۇرساڭلارمۇ ياكى شىنىجاڭ سەنئىتىنىڭ مۇھەرىرى ئۆمەرجان ئىمىن ئاكىنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشسەڭلارمۇ بولىدىكەن. غالىپ بارات ئاكىنىڭ چ چ نۇمۇرى: 1041907316
مەنبە: لوپنۇرى تورى