ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-25 10:13:32

ئۆتمۈشكە نەزەر سالغىنىمىزدا، ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم دېگۈدەك ۋاكسىنا بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى، پاجىئەلىرى بولۇپ تۇردى. ئەمما، بۇ قېتىمقى ۋاكسىنا ۋەقەسىگە جامائەتچىلىكنىڭ ئىنكاسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك بولدى.

2013-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە، جەنۇبىي جۇڭگودا بىر قىسىم بوۋاقلارنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىدىغان شېنجېن كاڭتەي شىركىتى، دالىيەن خەنشىن شىركىتى ۋە بېيجىڭ تىيەنتەن شىركىتى قاتارلىقلار بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالدى. جۇڭگو يېمەكلىك -دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق كاڭتەي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىدا سۈپەت مەسىلىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 9 نەپىرىنىڭ ئېنىق ھالدا ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقى، قالغان 8 نەپىرىنىڭمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوقلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى جامائەتچىلىككە ئۇقتۇردى.

بۇ قېتىملىق ۋاكسىنا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ۋاكسىنا ئەملىتىشكە نىسبەتەن كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلدى. سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدىن 2013-يىلى 12-ئايدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتى %30 ، باشقا ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملەش نىسبىتى %15 چۈشۈپ كەتكەن. شۇنىسى ئېنىقكى، بىر تەرەپتىن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ زىيىنى ئېغىرلاپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

ھەر قېتىملىق ۋەقە يۈز بەرگەندە، كىشىلەر نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن نارازى بولىدۇ ۋە تەشۋىشلىنىدۇ. ئەمما، ھەرقانچە يوغان سەۋەبمۇ بىزنىڭ بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەتمەسلىكىمىزگە باھانە بولالمايدۇ. ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ بالىلارغا چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىشىمىز لازىم.

خوش ئۇنداقتا، بالىلارغا نېمە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ؟

1. بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر، ئۇ بالىلارنى ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئاسان يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلايدۇ.  

2. ۋاكسىنىنى يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىشتىن ئىلگىرى ئەملەتكەندە ئاندىن رولى بولىدۇ.

3. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنا ئەملەش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىقتىسادچىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق 3-2 مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ بالىڭىزمۇ بار! 

4. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش توختىتىلسا، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋە قىزىلغا ئوخشاش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان كېسەللىكلەر قايتىدىن پەيدا بولۇپ يامراپ بالايىئاپەتكە ئايلىنىدۇ.

5. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئەملىتىدىغان كالمىت گۋېرنى ۋاكسىنىسى ۋە B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەملەتمىسىڭىز، بالىلاردا بۇ خىل كېسەلگە نىسبەتەن قارشى تۇرۇش كۈچى بولماي ناھايىتى ئوڭايلا مۇشۇ خىل كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، دەردىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە تارتىدۇ، بەلكىم ئۆمۈرى مۇشۇ خىل كېسەللەر تۈپەيلى زور دەرىجىدە قىسقىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

6. ۋاكسىنا ئەملەش ئاساسەن ئېغىر ئاقىۋەت ياكى كېسەللىنىش ئېلىپ كەلمەيدۇ.

 

ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك 9 خاتا قاراش

1-خاتا قاراش: شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلىسا، كېسەلدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش ھاجەتسىز.

ئەمەلىيەتتە، پىلانلىق ۋاكسىنا ئەملەش توختىتىلسا، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كېسەللەر قايتا يامرايدۇ. گەرچە شەخسىي تازىلىقنى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ۋاقتى - ۋاقتىدا قول يۇيۇپ، پاكىز سۇ ئىشلىتىپ ئادەتتىكى كېسەللەردىن خالىي بولغىلى بولسىمۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولمايدۇ. ناۋادا پىلانلىق ھالدا ۋاكسىنا ئەملەنمىسە، ئاللىبۇرۇن ئالدى ئېلىنىپ بولغان بەزى يۇقۇملۇق كېسەللەر، مەسىلەن، بالىلار پارالىچ كېسىلى، قىزىل قاتارلىقلار ناھايىتى تېزلا قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

2-خاتا قاراش: ۋاكسىنىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئەكس تەسىرى بار، ۋاكسىنا ئەملىسە، ھەتتا كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنا ئىنتايىن بىخەتەر، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى بەزى ۋاقىتلىق تەسىرلەر، مەسىلەن، بىلەك ئاغرىش، يېنىك قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. كىشىلەر نەزەرگە ئېلىۋاتقان ۋاكسىنىنىڭ خەتىرىنى ۋاكسىنا ئالدىنى ئېلىۋاتقان كېسەلنىڭ خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەسىلەن، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى بالىلاردىكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل مېڭە ياللۇغى ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غالجىرلىق كېسىلى شەرتسىز ھالدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەنسە، بۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3-خاتا قاراش: بوغما، قاتما ۋە كۆكيۆتەل ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ۋە يۇلۇنسۈر ماددا ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى بوۋاقلارنىڭ توساتتىن ئۆلۈپ كېتىش يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بوۋاقلارنىڭ توساتتىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ۋاكسىنا ئەملىگەن ۋاقىت دەل بوۋاقلارنىڭ باشقا كېسەل بىلەن ئاغرىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. يەنى بۇنداق بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىمىگەن تەقدىردىمۇ شۇ كېسەل بىلەن شۇ ۋاقىتتا ئاغرىشى مۇمكىن. ئەمما ئېنىق ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، بوغما، قاتما، كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللەرمۇ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىمىگەندە، بالىلارغا بولغان خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئېغىر پالەچلىك ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4-خاتا قاراش: ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كېسەللەر دۆلىتىمىزدە ئاساسەن يوقىدى، شۇڭا، داۋاملىق ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھاجىتى يوق.

كىشىلەر ئېيتقاندەك ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كۆپ كېسەللەر نۇرغۇن دۆلەتتە ھەقىقەتەن كۆپ كۆرۈلمەيدىغان بولدى، ئەمما بۇ كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسى دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا يەنىلا مەۋجۇت، تارقىلىش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس. بۇ مىكروبلار رايون ئاتلاپ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر توپىنى يەنىلا يۇقۇملاندۇرىدۇ. مەسىلەن، غەربىي ياۋروپادا 2005 - يىلىدىن بۇيان قىزىل كېسىلى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆرۈلۈپ، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن. ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئىككى مۇھىم ئەھمىيىتى بولۇپ، بىرى ئۆزىمىزنى قوغداش، يەنە بىرى ئەتراپتىكىلەرنى قوغداش.

5-خاتا قاراش: ۋاكسىنا بىلەن ئالدى ئېلىنىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللەر كىشىلەر ھاياتىدا ساقلىنىش تەس بولغان كېسەللەر بولغاچقا، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەمەلىيەتتە قىزىل، گۈرەنبەز ياللۇغى، سوغان قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانسا، زىيىنى ئېغىر، ئەگەشمە كېسىلى كۆپ، يەنى ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، ئەمالىق، ئىچى سۈرۈش، قۇلاق ياللۇغى، تۇغما سوغان يىغىندا كېسىلى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كېسەللەرنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى يەنىلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىن مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملىتىش. ۋاكسىنا ئەملىمىگەندە، بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايلا قالماستىن، بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيىتىگە ئازاب ۋە تولۇقلىغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

6-خاتا قاراش: بالىلارغا بىر قېتىمدا بىردىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىگەندە، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش خەتىرىنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

ئىلمىي ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەندە، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئەكس تەسىر كەلتۈرمەيدۇ. بالىلار ھەر كۈنى نۇرغۇن ماددا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ ماددىلارمۇ بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت تەسىرىنى قوزغىتىشى مۇمكىن. يېمەكلىك ياكى مېۋە - چېۋە يېيىشنى مىسالغا ئالساق، بۇ ماددىلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم تەركىبلەر بالىلارنىڭ بەدىنىگە كىرىدۇ، يەنە كېلىپ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ۋە بۇرۇن بوشلۇقىدىمۇ نۇرغۇن مىكروبلار ياشايدۇ. بىر بوۋاقنىڭ زۇكام بولۇش سەۋەبىدىن ئۇچراشقان مىكروب ۋە ۋىرۇسلارنىڭ سانى ۋاكسىنا ئۇرغاندا ئۇچراشقان ئانتېگىننىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

7-خاتا قاراش: يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئاۋارىچىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرمەكمۇ تەس.

يۇقۇملۇق زۇكام بىر خىل ئېغىر كېسەل، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە 300 مىڭدىن 500 مىڭغىچە كىشى زۇكام بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار، تەن ساغلاملىقى ياخشى بولمىغان ياشانغانلار، زىققا، كاناي ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى بارلار زۇكام بولسا، شۇ كېسەلنىڭ ئەگىشىپ قوزغىلىش ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارغا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ يەنە بىر پايدىسى ھامىلىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت. (ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ). زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پەسىل ئالماشقان ۋاقىتتا زۇكام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەگەشمە كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەل ئازابىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

8-خاتا قاراش: كېسەل ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشىش ۋاكسىنا ئەملەپ ئىممۇنىتېتقا ئېرىشىشتىن ياخشى.

ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ پەيدا قىلغان ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچى ئوخشاپ قالىدۇ، بىراق، ۋاكسىنا كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، ئەملەتكۈچىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاغرىپ قېلىپ يۇقۇملىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتقا نىسبەتەن ئادەم كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. مەسىلەن، بەدەن كېسەل ئازابى تارتىدۇ، كېسەل ئاسارەتلىرى قالىدۇ، ھەتتا بەزى كېسەلنى تەلتۆكۈس ساقايتىش مۇمكىن بولمايدۇ، داۋالىنىش چىقىمى يۇقىرى بولىدۇ. بۇلار ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشكەندىن كۆرە، مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشكەن ياخشى.

9-خاتا قاراش: ۋاكسىنا تەركىبىدە سىماب بار بولغاچقا، كىشىلەرگە خەتىرى زور.

ئەمەلىيەتتە تىئومېروسال (汞柳硫 ) بىر تۈرلۈك سىمابلىق ئورگانىك بىرىكمە، ئۇ پەقەتلا چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە تېخىچە ئىسپات يوق.

 

ۋاكسىنا ئەملىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، شۇ جايدا يېرىم سائەت كۆزىتىپ ئەكس تەسىر كۆرۈلمىگەندە، ئاندىن بالىنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ۋاكسىنا ئەملىگەن جاي ئىششىپ قېلىش ۋە ئاغرىش، 3.85 گىرادۇستىن تۆۋەن قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار نورمال بولۇپ، بۇنداق چاغدا بالىغا كۆپرەك قايناق سۇ بېرىپ ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنگەن جايدا يۇقۇملىنىش، يىرىڭلىق ئىششىش، سۇلۇق ئىششىش، شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

تۆۋەندىكىدەك بالىلارغا ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملەشتە بولمايدۇ ياكى كېچىكپرەك ئەملىتىش كېرەك.

1.تېرە ياللۇغى، يىرىڭلىق تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار؛

2.بەدەن تېمپراتۇرسى 37.5گىرادۇرستىن ئېشىپ كېتىپ،قولتۇققا ياكى لىمغا تۈگۈنىدە ئىششىق پەيدا بولۇپ قالغان بالىلار؛

3.ئېغىر يۈرەك،جىگەر،بۆرەك كېسىلىگە ياكى تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار؛

4.مېڭىسى ۋە يېتىلىشى نورمالسىز بالىلار،مېڭە پەردە ياللۇغى ئاسارەتلىرى،تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلار؛

5.ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن،دوك،تۇغما ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل بالىلار؛6

.زىققا،قىچىشقاق،(يەلتاشما)قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بالىلار؛

7.ئىچى سۈرگەن، زۇكام بولۇپ ئازراق قىزىپ قالغان بالىلار.

ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنگەن بالىلاردا قىزىرىپ ئىشىشىپ قېلىش،ئاغرىش،لىمغا تۈگۈنى ئىششىش،قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ تېزلا ياخشى بولۇپ قالسا،بۇ نورمال ئەھۋال.ئەگەر ئېغىرلاشسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش،ئەڭ ياخشىسى،بالىلارغا ۋاكسىنىنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا ئەملىتىش لازىم.

ئەڭ ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىمىز شۇكى، بىزنى ياكى كىملەرنىدۇ تىللاپ قارغىسىڭىزمۇ مەيلى. ئەمما، بالىڭىزغا چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىڭ، جەزمەن ئۆز ۋاقتى-قەرەلىدە ئەملىتىڭ! جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ئايرىم ئىش-ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، بالىڭىزغا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالماڭ! مۇشۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھامان بىزدىن مىننەتدار بولۇپ قالىسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ بالىلارغا چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك!!!

مەنبە: ئەلداۋا سالونى



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015