يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: RecordJapanتور بېكىتىنىڭ 23 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا ئارقا ئارقىدىن غايەت زور سىياھ بېلىقلار بايقالغان. بۇ ھادىسە نۇرغۇن دېڭىز ئوكيان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، بۇ چوقۇم ئاسمان زېمىننىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا دېڭىز تەكتىدە زادى ئۆزگىرىش بولغانمىدۇ؟
ئىگىلىنىشىچە، 21 – چىسلا، ياپونىيەدىكى بىر ئارالدا، دېڭىز تەكتىدىن بېلىق تۇتىدىغان تور ئارقىلىق 3.4 مېتر چوڭلۇقتىكى بىر سىياھ بېلىق تۇتۇلغان، دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا، بۇ سىياھ بېلىق ئۇرغاچى بولۇپ، تەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگرام كېلىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بۇرۇتىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا تەن ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر كېلىدىكەن، بۇ چوڭ سىياھ بېلىقنى تۇتۇۋالغان ماتروس مۇنداق دېدى: «بۇ سىياھ بېلىق ھايات ۋاقتىدا ئادەملەرگە غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن».
ئۇنىڭدىن باشقا، 19 – چىسلا ياپونىيە نىگاتا ئوبلاستى كاشىۋازاكى شەھىرىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدىن 3 – 4 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر غايەت زور سىياھ بېلىقنىڭ ئۆلۈكى بايقالغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ غايەت زور سىياھ بېلىق 8 – چىسلا نىگاتا ئوبلاستى سادو شەھىرىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن تۇتۇلغان غايەت زور سىياھ بېلىق بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150 كىلوگرام كېلىدىكەن.
بۇ غايەت زور سىياھ بېلىقتىن باشقا، مۇشۇ ئاينىڭ 2 – كۈنى، ياپونىيە ئىسخىكاۋا ئوبلاستى خاكۇي شەھىرى دېڭىز قىرغىقىدىن 2.5 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى، دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ قالغان بىر تاسما بېلىقنىڭ ئۆلۈكى بايقالغان. يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك غەلىتە ھادىسىلەر بايقالغان، بۇ زادى نېمىنىڭ بىشارىتىدۇر؟
بۇ ئىشقا قارىتا ياپونىيە مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «غايەت زور سىياھ بېلىقلار ئەسلىدە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تەكتىدە ياشايدىغان بىر خىل جانلىق، ئۇنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە، دېڭىز ئۈستىگە لەيلەپ چىقىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بۇ بەلكىم دېڭىز ئېقىنىنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن».
بۇ مۇتەخەسىس يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەمەلىيەتتە، دېڭىز ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولدى، دېگەن گەپلەر چىققىلى خېلى بولغان، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر بۇنى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارايدۇ، گەرچە ھازىرچە يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەر پوستى ئۆزگىرىشىنىڭ بۇ ئىش بىلەن زادى قانچىلىق ئالاقىسى بارلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، بىراق يەر شارىدا مەلۇم مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، ئۇندىن باشقا، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇ غەلىتە ئۆزگىرىشلەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بىشارىتى ياكى ئەمەسلىكىگە ھازىرچە ھۆكۈم چىقارماق تەس، بىراق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر».