• ئىزدەش ماتورى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئاۋۋال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى:
     1995.يىلى ئىككى ياش ئوقۇغۇچى Larry Page ۋە Sergey Brin ئورتاق پىكىرگە كېلىپ كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئارىسدىكى لازىملىق ئۇچۇرنى توغرا تېپىپ چىقىشنى ئەڭ چوڭ رىقابەت دەپ قارىغان. 1996.يىلى بۇ ئىككىيلەن Larry نىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياتىقىدا Google شېركىتىنىڭ بىرىنجى سانلىق ئۇچۇر مەركىزىنى قۇرىدۇ. 2000.يىلى Google دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھالەتنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. 2005.يىلى Google نىڭ پايچېك باھاسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. شېركەت بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ، «دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش!» ئۇلارنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.

    (يۇقىرىقى مەزمۇنلار سەبورى تورى ئىشخانىسى ئىزدەش ماتورى سەھىپىسىدىن ئېلىندى:
    http://sebori.cn/home/html/search/12.Html)

  • سەبورى ئېلېكتىرونى تورى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلللىشىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    يېقىنقى 1 ئاي جەريانىدا سەبورى تورىدا ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە خۇلاسە ئېلىپ بېرىلدى:

    1.باش بەت ئۇسلۇبى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سەھىپىلەرگە مەخسۇس رەسىم نۇسخىسى لاھىيەلەندى، نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى باش بەتتە قولايلىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/
    ھەر قايسى سەھىپىلەر مۇكەممەل ئىقتىدارلىق سەھىپە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇسلۇب جەھەتتىن سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ بىر خىللاشتۇرۇلدى.

    2. فىلىم مەركىزى يېڭىلاندى.
    توپلانغان ئۇيغۇرچە نادىر فىلىم 166 كە يېتىش بىلەن بىرگە ھەربىر تۈردىكى ئەڭ يېڭى 6 فىلىمنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە فىلىم كۆرۈش بېتىدىكى ئەڭ يېڭى يوللانغان فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭغا يەنە فىلىم ئاستىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/filim/

    3. سەبورى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى
    بۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان سەھىپە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاددى بولغان كەسپىي ئاتالغۇ لۇغىتى رەسمىي ھالدا ئۇنىۋىرسال تور لۇغىتى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. خالىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نۆۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/dict/

    4. مۇنبەر سەھپىلىرى كۆپەيتىلدى.

  • سەبورى تور بېكىتىنى قايتا رەتكە سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل بىر بلوگ ماقالىلىرى توپلىمى، يەنى بلوگلار جەمگاھى سېستىمىسى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى، ئاللاھ خالاپ خېلى يامان ئەمەس بىر سېسىمىغا ئۇچراپ قالدىم، ۋە ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. نۆۋەتتە 20 گە يېقىن بلوگ قوشۇپ قويۇلدى. بىراق كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق، داۋاملىق بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا. شۇنداقلا بلوگلار جەمگاھىنى قوللاش يۈزىسىىدىن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى ئادرىسى: http://sebori.cn/blog

  • م.ئە.سەبورى

    خىيالىي ئالەمنىڭ ئېگىز چوققىسى،
    ئالمىدەك يۈرەكنىڭ ئاجىز نالىسى.
    ساماۋى شەھەردە كۆرۈنگەن قۇياش،
    ئىزدىمە ھاياتلىق گېنىدىن مېنى.

  • تور بېكەتنىڭ كېلىپ چىقىشى:
    ئېسىمنى بىلسەملا ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى قىزىقىدىكەنمەن. باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسلىكىنى، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكا دىگەن پەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. ئاللاھ ئىگەم مۇرادىمنى ھاسىل قىلىپ 2004.يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئارزۇيۇمدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى كەسپىگە ئۆتۈپ كەتتىم.

    2007.يىلى 6.ئايدىن 2008.يىلى 10.ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە شىئەن ئېلىكتىرون پەن– تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى تېخنىفىزىكا ئېنىستىتۇتنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرى توكيولىنى ئېچىش تەجىرىبىخانىسىدا رەقەملىك ئېلىكتىرون تېخنىكىسى تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساس، تەقلىدىي ئېلىكتىرون تېخنىكىسى ۋە يەككە پىلاستىنكىلىق كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇچقۇن لوڭقىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ئىلىم–پەن مەھسۇلاتى ياساش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي يەنە «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېخانىكا لاھىيلەش مۇسابىقىسى» نىڭ شەنشى ئۆلكە مۇسابىقىسىگە مەكتىپىمىزدىن قاتناشقان 12 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ قاتنىشىش شەرىپىگە ۋە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەجىرىبە– تەتقىقات پىلانى» غا قاتنىشىپ غەلبىلىك ھالدا بىر تېمىنى تاماملاش جەريانىدا يۇقىرى پەن– تېخنىكىلىق ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.

    ... ...

  • خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    خائىن خىيال

    قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
    سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
    تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
    چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى.

  • خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    سۈرگۈن خىيال

    قىزىل، يېشىل چىراغ بەلگىسى،
    باشقۇرالماس خىياللىرىمنى.
    خىياللارنىڭ دوقمۇشلىرىدا،
    ئۇچىراتتىم ئەبجەش تۇيغۇنى.

    خىياللىرىم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
    ئەمەستەكلا كۈلمە ھاياسىز؛
    يېشىل نۇرنى چاچقان قۇياشتەك.
    ... ...


  • خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    ئۈمىدسىز خىيال

    يۈرۈكۈمدە ئەندىشە گۇمان،
    يېتەلمەيمەن ئۇنىڭ تەكتىگە.
    خىيالىمدا قاپقارا تۇمان،
    چىقىپ قالدىم ئازاب تەختىگە

  • م.ئە.سەبورى
    شىۋىرلايسەن ئۇيغۇدا ياتسام،
    ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەت دېدىڭ.
    ئىشىكىڭنى بىر ھازا قاقسام،
    چىقىپ مېنى راسا تىللىدىڭ.

  • م.ئە.سەبورى
    مەن ئازابلانغان شۇ كېچە ،
    سەنلا ھەمراھ مىسكىن روھىمغا .
    سۆيگۈمنىڭ يىرتىلغان ۋارىقى ،
    يۇغۇرۇلغان پىنھان تۇيغۇمغا .