ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ۋېتنام تارىختا جوڭگۇنىڭ بىر قىسمى بولغانمۇ

ۋېتنام تارىختا جوڭگۇنىڭ بىر قىسمى بولغانمۇ

2012-11-23 1:03     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      بۈگۈنكى ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى چىن سۇلالىسىدىن كېيىن مەركىزىي سۇلالىلەرگە بىۋاستە قاراشلىق زىمىن ئىدى. چىن سۇلالىسى غەربىي جەنۇپقا لەشكەر تارتىپ گۇاڭشىدا ئايماق – ناھىيە تەسىس قىلغاندىن باشل....

     بۈگۈنكى ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى چىن سۇلالىسىدىن كېيىن مەركىزىي سۇلالىلەرگە بىۋاستە قاراشلىق زىمىن ئىدى. چىن سۇلالىسى غەربىي جەنۇپقا لەشكەر تارتىپ گۇاڭشىدا ئايماق – ناھىيە تەسىس قىلغاندىن باشلاپ، غەرىبىي خەن، شەرقىي خەن، شەرقىي ۋۇ، غەرىبىي جىن، شەرقىي جىن، ليۇ، سوڭ، چى، لياڭ، چېن، سۈي دەۋىرلىرىگىچە ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ئىزچىل تۈردە مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى نىڭخەي، جيۇجېن ئايماقلىرىغا تەۋە ئىدى.

     تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋۇلىڭ تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئايماقلارنىڭ تەۋەلىكىدە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە جياۋجۇ ئايمىقى ئەننەن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلدى. جۇۋېن كېيىنكى لياڭ خانىدانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم تۆرە _ بەگلەرنىڭ تەپرىقىچىلىكىدە قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەننەن (ۋېتنامنىڭ شىمالى) بۆلۈنمە ھالەتتە تۇردى. مىلادىيە 938- يىلى دىكابىردا، كېيىنكى جىن خانلىقىنىڭ خانى ئەننەنگە جازا يۈرىشى قىلدى. 944- يىلى جىن خانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەننەن يەنە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ كەتتى.

     ئىچكى رايۇنلاردا غەلىيانلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە، ئەننەندىكى «12 بەگ ئىسيانى» بولدى. دىڭ قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلغان توپىلاڭدىن كېيىن، يەنى 968- يىلى ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى بۈيۈك جۈييۆ دەپ ئاتىدى. بۇ ۋېتنام تارىخىدىكى تۇنجى سۇلالە – دىڭ پادىشاھلىقى ئىدى.

     ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئىقلىمدا شىمالىي سوڭ سۇلالىسى تىكلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى كەيباۋ سەلتەنەتىنىڭ 3- يىلى (970- يىلى) ئۇلۇغ سانغۇن پەن مېي ئون ئايماق لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەننەن ئىشغال قىلىۋالغان نەنخەنگە تىگىش قىلدى. سىنتەبىردە بىۈگۈنكى خېجۇ (بۈگۈنكى گۇاڭشىنىڭ خېشيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كىلىدۇ) ئايمىقىنى قورشىۋالدى. قوشۇن نەنخەنگە ھەمدەمچى قوشۇن كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ 20 چاقىرىم چىكىنىپ، نەنشياڭ (بۈگۈنكى خېشيەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى شىندۇ) دا پىستۇرما قۇرۇپ، نەنخەنگە كىتىۋاتقان ھەمدەمچى قوشۇننىڭ بىر تۈمەن لەشكىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە خېجۇ ئايمىقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا شاۋگۇەن ئايمىقى (بۈگۈنكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن) غا تىگىش قىلدى. ئوقيالىق لەشكەرلەر نەنخەننىڭ پىللىق لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 10 تۈمەندىن ئارتۇق لەشكەرنى يوقاتتى. شۇ يىلى فېۋرالدا تۈۋەنكى ئىقلىمغا غەلىبەسىرى ئىلگىرلىدى.

      جوۋ كۋاڭيىن ئەلنى يېڭى باشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەننەندىكى يۆدىڭ سۇلالىسى باش كۆتۈرۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىغا بويسۇنمىدى. ئەمما مىلادىيە 981- يىلىدىن باشلاپ يۆدىڭ سۇلالىسى زەئىپلەشتى. سوڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى سۇ، قۇرۇقلۇق ئىككى يولدىن ئەننەن (ۋېتنام) غا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادىيە 981- يىلى ئەتىيازدا سوڭ لەشكەرلىرى بىلەن ۋېتنام لەشكەرلىرى كۆپ قېتىم قانلىق جەڭ قىلدى. سوڭ لەشكەرلىرى تولۇق غەلىبە قىلمىغان ئەھۋالدا، ۋېتنام لى خانلىقىنىڭ ئولپاڭ تاپشۇرۇشىنى قۇبۇل قىلدى.

     1075- يىلى ۋېتنامدىكى لى سۇلالىسى 10 تۈمەن لەشكەر بىلەن سوڭ سۇلالىسىنىڭ غەرىبىي جەنۇبىدىكى رايۇنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بىر نەچچە ئايماقنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە 58 مىڭ ئادەمنى پاجىئەلىك ھالدا قىرىپ تاشلىدى. سوڭ سۇلالىسى يەنە بىر قېتىم زور قۇشۇن بىلەن جازا يۈرىشى قىلىپ، قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى قايتۇرىۋالدى. 1076- يىلىنىڭ ئاخىرى ۋېتنام چېگراسىغا بېسىپ كىردى. بۇ قېتىم ۋېتنام تەرەپ ئېغىر مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ۋېتنام تەرەپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

     مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنى 1406- يىلى ۋېتنامغا لەشكەر تارتىپ توپڭلاڭنى تىنجىتتى ۋە ۋېتنام جوڭگۇنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىندى. ئەمما نەچچە ئون يىل ئۆتمەي مىڭ سۇلالىسى مەنسەپدارلىرى ئىقتىدارسىزلىق قىلىپ، ئەلنى ئىدارە قىلالمىدى. ۋېتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسيان كۆتۈرۈلدى. مىڭ لەشكەرلىرى چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، يەنى 1789- يىلى چىڭ لەشكەرلىرى ۋېتنامنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، شىمالىي رايۇننى تىزگىنلىدى.

     1945- يىلى ئاۋغۇستتىن 1946- يىلى مارتقىچە، جوڭگۇ قوشۇنلىرى ۋېتنامغا كىرىپ، ياپون ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەركىۋىدە ياپونىيەنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلدى.

     ۋېتنام تارىختا بەزىدە جوڭگۇغا ئاۋارچىلىق تۇغدۇرسا، بەزىدە جوڭگۇنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلدى. ئەمما ئەزەلدىن ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرەلمىدى.

 

     (دۆلەت مۇداپىيە گېزىتىدىن جۇشقۇن تەرجىمىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 3 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2012-11-25 21:08 ئۇيغۇربەگ 

    ۋېيتنام ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھازىرقى كورىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە كەشمىر ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ھاي – ھاي بەگ ئىنىم، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ! بۇنداق تارىخىي يازمىلار ساماندەكقۇ، سىزمۇ يېزىپسىز ئاينا ئۇ تارىخلارنىڭ ئىسمىنى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2012-11-29 00:41 ئاكىش 

    ئاڭلاشلارغا قارغاندا پۇتۇن يەر شارى ئۇلۇش جوڭغا مىلىتىگە تەۋە بوپ بېقىپ تىكەن مىش

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter