ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى

2012-09-15 10:12     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلىمىزنىڭ قايتا–قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىدى، ئۇلار 2012–يىل 9–ئاينىڭ 10–كۈنى دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نەنشياۋ ئارىلى، بېيشياۋ ئارىلىنى ‹‹سېتىۋېلىپ››، ئات....

     ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلىمىزنىڭ قايتا–قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىدى، ئۇلار 2012–يىل 9–ئاينىڭ 10–كۈنى دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نەنشياۋ ئارىلى، بېيشياۋ ئارىلىنى ‹‹سېتىۋېلىپ››، ئاتالمىش ‹‹دۆلەت ئىختىيارىغا ئالىدىغانلىقى››نى جاكارلىدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا قاتتىق دەخلى–تەرۇز قىلغانلىق، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر ئازار بەرگەنلىك، تارىخىي پاكىتلار ۋە خەلقئارا قانۇن –قائىدىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىق. ھۆكۈمىتىمىز ۋە خەلقىمىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.

     دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى، تارىخ بۇنىڭغا پاكىت، قانۇن بۇنىڭغا ئاساس بولالايدۇ. دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى جۇڭگولۇقلار ئەڭ بۇرۇن بايقاپ ئىسىم قويغان ۋە پايدىلانغان، جۇڭگولۇق بېلىقچىلار تارىختىن بۇيان مۇشۇ ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇپ كەلگەن. دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق ئاراللار مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا جۇڭگونىڭ دېڭىز مۇداپىئە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو تەيۋەننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. دياۋيۈ ئارىلى قانداقتۇر ‹‹ئىگىسىز جاي›› ئەمەس، جۇڭگو ئەزەلدىنلا دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىسى.

     ياپونىيە 1895–يىلى، يەنى جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان. ئارقىدىنلا، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى تەڭسىز شەرتنامە ‹‹ماگۈەن شەرتنامىسى›› ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ‹‹تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئىگىلىۋالدى››. 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ‹‹قاھىرە خىتابنامىسى›› ۋە ‹‹پوتسدام ئاخباراتى››غا ئاساسەن، ئېلىمىز ياپونىيە بېسىۋالغان تەيۋەن، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالغان، دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار خەلقئارا قانۇن بويىچە جۇڭگوغا قايتۇرۇلغانىدى. ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغانلىق، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر خىرىس قىلغانلىق.

     ياپونىيە 1951 – يىلى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ‹‹سان فرانسىسكو سۈلھ شەرتنامىسى›› ئىمزالىغاندا، ريۇكيۇ تاقىم ئارىلى(ھازىرقى ئوكىناۋا)نى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1953 – يىلى ئامېرىكا ريۇكيۇ ھۆكۈمىتى باشقۇرۇش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغان. 1971 – يىلى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان ‹‹ئوكىناۋانى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى››دە دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق ئاراللار ‹‹قايتۇرۇپ بېرىدىغان رايون›› دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ھۆكۈمىتىمىز ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ زېمىنىمىزنى خۇپىيانە ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش قىلمىشىغا باشتىن – ئاخىر قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئېتىراپ قىلمىغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى ئەزەلدىنلا ياپونىيەنىڭ زېمىنى، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زېمىن ماجىراسى مەۋجۇت ئەمەس، دېيىشى تارىخىي پاكىتلارغا ۋە قانۇن – قائىدىلەرگە تۆھمەت قىلغانلىق، پەقەتلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

     1972- يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقان ۋە 1978- يىلى تىنچلىق، دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى بىر مەزگىل تىلغا ئالماسلىق، كېيىنچە ھەل قىلىش›› توغرىسىدا مۇھىم چۈشەنچە ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى نورماللىشىشقا يۈزلەندى، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى 40 يىللىق زور تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، شەرقىي ئاسىيا رايونى 40 يىل مۇقىم ۋە تىنچ بولدى. ياپونىيە مەسئۇل دائىرىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەينى چاغدىكى ئورتاق تونۇشىنى قەتئىي ئىنكار قىلسا، بىراقلا يوققا چىقارسا، دياۋيۈ ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولامدۇ؟ جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن كېيىن ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلالامدۇ؟ ياپونىيە قوشنا دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

     ياپونىيە يېقىنقى يىللاردا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە توختىماي ماجىرا تېرىدى، بولۇپمۇ، بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن، ‹‹ئارال سېتىۋېلىش››نىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ‹‹ئارال سېتىۋېلىش›› ئويۇنىنى باشلىشىغا يول قويدى. كىشىلەرنىڭ ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىگە، بۇنىڭدىن نامايان بولغان سىياسىي يۈزلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىگە تولۇق ئاساسى بار. ياپونىيە زادى نېمە قىلماقچى؟ ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلالامدۇ؟

     ھۆكۈمىتىمىز جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشتىن ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى . جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەسلىكى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پايدىلىق. ئەمما، جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن جۇڭگو تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئارال سېتىۋېلىش›› ھەرىكىتى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشقا زىت.

     ھۆكۈمىتىمىز شۇنى قەتئىي جاكارلايدۇكى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئارال سېتىۋېلىش›› ھەرىكىتى پۈتۈنلەي قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز، بۇ ھەرىكەت ياپونىيەنىڭ ئېلىمىزگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى، جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرى بوزەك قىلىنىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايمىز. ياپونىيەنى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە چۈشىنىشكە تولۇق ئەمەل قىلىپ، تالاش – تارتىشنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز. ياپونىيە خالىغىنىچە ئىش كۆرسە، بارلىق ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter