ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ قالارمۇ؟

يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ قالارمۇ؟

2012-09-11 5:09     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      [فىرانسىيە «لې فىگارۇ گېزىتى» 17-ئاۋغۇست ماقالىسى. ئاپتورى فىرانسىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ماركس گالۇ]      كىشىلەر ئەمدىلا لوندون ئو ت م نىڭ تىنچلىق قەھرىمانلىرى ئۈچۈن كاتتا تەبرىكلەش م....

     [فىرانسىيە «لې فىگارۇ گېزىتى» 17-ئاۋغۇست ماقالىسى. ئاپتورى فىرانسىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ماركس گالۇ]

     كىشىلەر ئەمدىلا لوندون ئو ت م نىڭ تىنچلىق قەھرىمانلىرى ئۈچۈن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەگەر 21-ئەسىردىكى دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەنتەربىيە رىقابىتى ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش دېيىلسە، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

     روشەنكى، ئۇرۇشنىڭ شەكلىنى مۆلچەرلىگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيادا ھازىر بىر خىل يېڭى كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئاپىرىدە بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. خەلقئارا تەشكىلات (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىقلار) لار ئامالسىز قالدى. پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى، ئىقتىسادىي كاساتچىلىق ۋە قىزىل رەقەمنىڭ تەسىرى ــ ۋەيران بولۇش، نامراتچىلىق، ئىشسىزلىق قاتارلىقلار ــ بىر مەيدان توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتكە ئوخشايدۇ .

     بۇ بىر مەيدان پۇل ۋە ئىقتىساد ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى رايونلارنىڭ سانائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، باشقا رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. نوپۇسنىڭ %60 ئىگىلەيدىغان يېڭى ئەۋلاتلار خىزمەت تاپالمايۋاتىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ياۋروپا كىرىزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا.

     ئىجتىمائىي جىددىلىك خەتەرلىك كەيپىياتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، پاراكەندىچىلىك يېڭى كۆچمەنلەر توپلاشقان شەھەر ئەتراپى رايونلىرىغا توختىماي ئوت تۇتاشتۇرۇۋاتىدۇ. بەزى كوچا رايونلىرىدا، زوراۋانلىق ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەپ قۇرال-ياراق ئىشلىتىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى ، ھەتتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساقچىلارغا تاقابىل تۇرۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ .

     ئاممىۋى توپلارنىڭ بۆلۈنىشى كۈنسېرى شەكىللىنىپ، ھەرقايسى كوللېكتىپلار ئۆزلىرىنىڭ دائىرىسىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىچكى ئۇرۇش ئەمەس، ئەمما ئىچكى ئۇرۇشنى يارىتىدىغان ئاساس. 20 يىلدىن كېيىن قانداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلەيدۇ؟

     ئوتتۇرا شەرق بۇ بىر مەيدان دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەۋرەش مەركىزى. بۇ جايدا بىر مەيدان تا بۈگۈنگىچە يوشۇرۇنۇپ كەلگەن رايون توقۇنۇشىنىڭ بارلىق شارائىتلىرى پىشىپ قالدى. يادرو دۆلەتلىرى بۇ جايدا ئۇچرىشىۋاتىدۇ: ئىسرائىلىيە، پاكىستان، ئىران ناھايىتى تېزلا بۇنىڭغا قوشۇلۇشى مۇمكىن. چېگرا توقۇنۇشى ئۆزلۈكسىز كۆرۈلۈپ، سۇ مەنبەسىنى تالىشىش توختاپ قالماي، دىنىي قارشىلىشىشلار ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەر ئاستىدىكى مول نېفىت ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. خۇددى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئوخشاش، پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماقتا. بۇ ۋەزىيەت چوڭ دۆلەت تەسىر كۈچلىرى (چاروسىيە، ئاۋىستىرىيە ــ ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى) نىڭ بالقان ئۇرۇشىغا كىرىشكەن يىللارنى قايتا نامايان قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇشنىڭ قارا بولۇتلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما دائىم دېگۈدەك ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرىدىغان سۈركۈلۈشلەر زەنجىرسىمان تەسۋىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ .

     دېتېرمىنىزمدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاقىلانىلىق ، مۇرەسسەچىلىك لايىھەلىرى جىددى ۋەزىيەتنى ۋاقتىنچە پەسەيتەلىشى مۇمكىن. ھادىسىلەرنىڭ توساتتىن پەيدا بولۇشى، تارىخ مۇساپىسىنىڭ ئاساسى قائىدىسى. ئەمما ھەر خىل كىرىزىسلار (پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىس) نىڭ بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇشى، دىنى توقۇنۇشلار ۋە نوپۇسنىڭ ئېقىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇقىمسىزلىق قاتارلىقلار، كىشىلەرنىڭ چوقۇم ھۇشيار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېمەك، ئۇرۇش خەۋپىنى مۇۋاپىق قىياس قىلىش كېرەك. كىشىلەر بۇلارنى بىر كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بۇنداق مۆلچەرلەش ئۈمىدسىزلىك ۋە پاتالىزىمنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىشى مۇمكىن. يازغۇچى فىرانشىس. پۇلىسانسىينىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ مۇشۇنداق تونۇشتا بولغان. 1911-يىلى ئۇ مۇنداق يازغان: «پۈتكۈل دۇنيانىڭ كەيپىياتى ھورۇنلۇق ۋە زىرىكىشلىككە تولۇپ، جۇمھۇرىيەت سايلىغۇچىلارنىڭ چوڭ شىركىتىگە ئايلىنىپ قالدى …… مەن ئۆزىمىزنىڭ كۆزىمىزنى يۇمۇپ پەسكە سېرىلىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىىمىزنى ئۇچۇق كۆرىۋاتىمەن، ئالدىمىزدا بولسا بىر غايەت زور ئۇرۇش ھېڭى تۇرماقتا ….. ».

     سىياسىي قارىشى بىر-بىرىگە زىت بولغان كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى ئالبېرت. دىمانمۇ 12-ئايدىكى گېزىتكە مۇنداق دەپ يازغان: «گاڭگىراش ۋە پاراكەندىچىلىك ئىچىدىكى ياۋروپا بىر مەيدان ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئۇرۇشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى مەلۇم بولمىسىمۇ ، ئەممائۇرۇش ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر بويىچە ياۋروپاغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ ……».

     (مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن ئېلىندى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter