2013-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى گۈللەنگەن بىر يىل بولدى ، ياخشى يانفونلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، تۆۋەندە 2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كۆرۈپ باقايلى :
10. سونى Xperia Z
پايدىلىنىش باھاسى :3600 يۈەن

سونى Xperia Z بولسا سۇدا ھۆل بولۇشتىن ساقلىنالايدىغان يانفون بولۇپ، بازاردا ئاز ئۇچرايدۇ . 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، تۆت يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، 13 مىليون پېكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن .
9. ئالما iPhone 5c
پايدىلىنىش باھاسى : 3600 يۈەن

iPhone 5c نى قاپ ئالماشتۇرغانiPhone بولىدۇ ، قاتتىق دېتال ئىقتىدارىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ، 4سۇڭلۇق retina ئېكران ، A6 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ، بەش خىل رەڭگى بار .
8. LG Optimus G Pro 
پايدىلىنىش باھاسى : 2350 يۈەن

LG Optimus G Pro نى LG نىڭ ئاساسىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك تىپى دېيىشكە بولىدۇ، 5.5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭ Snapdragon APQ8064T تۆت يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 13 مىليون پېكسىللىق كامېرا ئىشلىتىلگەن .
7. LG G2
پايدىلىنىش باھاسى : 3000 يۈەن

G2 بولسا LG نىڭ 2013-يىلى چىقارغان بايراقدار يانفۇنى ، 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 13 مىليون پېكسىللىق ئوپتىكىلىق تىترەشتىن ساقلىنىدىغان كامېرا ئىشلىتىلگەن .
6. سامسۇڭ Galaxy Note 3
پايدىلىنىش باھاسى : 4100 يۈەن

Galaxy Note 3 بولسا سامسۇڭنىڭ 2013-يىلىدىكى بايراقدار يانفونى ، 1080P ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ، يۇمشاق دېتال جەھەتتە S Pen قول قەلىمى مەشغۇلاتى كۈچەيتىلگەن، يەنە Galaxy Gear ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى قوللايدۇ .
5. سامسۇڭ Galaxy S4
پايدىلىنىش باھاسى : 3600 يۈەن

پۈتۈن دۇنيادا قارشى ئېلىنغان يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن Galaxy S4 دە سامسۇڭنىڭ تۈرلۈك بەلگە خاراكتىرلىك لايىھەلىرى قوللىنىلغان ، كۈچلۈك قاتتىق دېتال ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن سېستىمىسى ، ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارى بۇ يانفوننى قالتىس مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغان .
4. MOTO X
پايدىلىنىش باھاسى : 3500 يۈەن

MOTO X نى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ ، گەرچە ھېچقانداق كۈچەيتىلگەن قاتتىق دېتال سەپلىمىسى بولمىسىمۇ، باشقا يانفونلاردا بولمىغان ئاكتىپ ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارى 2013-يىلىدىكى يېڭى بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ .
3. HTC One
پايدىلىنىش باھاسى : 3400يۈەن 
HTC One نى بىر خىل ئىنتايىن ياخشى بولغان ‹‹چولپان›› يانفون دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇ HTC نىڭ ماركا قىممىتىنى بەلگىلىك مىقداردا يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭدا نەپىس مېتال قاپ ، ياخشى بولغان ئېكران ئۈنۈمى ، سېترىئولۇق ئاۋاز ياڭراتقۇ ، پۈتۈنلەي يېڭى لايىھە قوللىنىلغان .
2. گۇگىل Nexus 5
پايدىلىنىش باھاسى : 2500 يۈەن
LG ۋاكالىتەن ياسىغان Nexus 5 بولسا Nexus 4 نىڭ ئورنىنى ئېلىپ بۇ يىلقى ئەڭ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭغا 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ قوللىنىلغان ، ئەڭ يېڭى Android 4.4 سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن .
1. ئالما iPhone 5s
پايدىلىنىش باھاسى : 5200يۈەن
ھەممىگە مەلۇم ، iPhone 5s نۆۋەتتىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ھېسابلىنىدۇ . گەرچە ئېكراننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتە باشقا يانفونلارغا يەتمىسىمۇ بىراق Touch ID بارماق ئىزىنى تونۇش سېنزورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى ۋە 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە iOS 7 سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن بۇ يانفون ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان يانفونغا ئايلاندى .
( تەھرىر : )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
 MIUI سېستىمىسى ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاھىيەلەندى
4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
ئالدىنقى ئايدا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفونلار تىزىملىكى
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
 نوكىيانىڭ سىرلىق يېڭى يانفونىنىڭ مەخپىي نامى ئاشكارلاندى
يانفونغا تايىنىۋېلىش كېسەللىكى ئالامەتلىرى
iphone ئالما تىلىفۇنغا SIM كارتىدىكى نۇمۇرنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
ئەقلىي تېلىېفۇندا ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى زاپاسلاش ئۇسۇلى
يۇمشاق ئېكران زادى قانداق؟
iPhone ئەيىبلەندى،ليەنتوڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
NOKIAشىركىتى 1800نەپەر خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىكەن
جۇڭگو كۆچمە  خەۋەرلىشىشنىڭ باش لىدىرى كىم بىلەمسىز ؟
يانفۇننىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتتە گۇناھى
موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى
گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ
يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مىكروسوفت 21-چىسىلا Windows Phone 7نى ئېلان قىلىدىكەن
سىزدە تېلېفوندىن قورقۇش كېسىلى بارمۇ ؟
يانفۇن نومۇرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
ئامېرىكا ئىنژىنېرلىرى يانفۇنغا قول تىلىنى تونۇتۇشنى سىناق قىلدى
WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن
تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى
تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر
نومۇر باسمىسىمۇ بولىدىغان يانفون
ھەقىقىي > تېلېفون دېگەن مۇنداق بولىدۇ
iPhone 4 نىڭ سىگنال كاشىلىسىنى ئوڭشاشنىڭ 10 خىل چارىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى
دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس
ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ
Microsoft بۈگۈن iPhon4 نى مازاق قىلدى
سەرپىياتى بەش مىڭ يىلغا يېتىدىغان باتارىيە كەشىپ قىلىندى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان يانفۇن مەيدانغا كەلدى
گوگول ئەمدى داۋاملىق يانفۇن ئىشلەپچىقارمايدۇ
تۆتىنچى ئەۋلاد IPhone نىڭ قاتتىق ماتېرىياللىرىنى يېشىش