سەھىپىلەر
خەۋەر
ئەسەر
ئۇچۇر
ناخشا
MTV
كىنو
ئۇيۇن
رەسم
چۈشۈرۈش
تېلېۋىزىيە

تەۋسىيەلىك يانفۇن بىلىملىرى

يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
يانفون سىگ
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
2013-يىلىدىك

ئاۋات يانفۇن بىلىملىرى

دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-09   مەنبەسى : ئاقيول تورى   كۆرۈلىشى:   بىسىپ چىقىرىش
ئاقيول تورى خەۋىرى:


دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم كىم؟ سىتىفىن.جوبىس(史蒂夫·乔布斯). "بايلىق" ژورنىلىنىڭ تور نۇسىخسىدىكى ئەڭ يېڭى باھالاشتا، دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق 50 ئادەمنى باھالاشتا، ئالما شىركىتىنىڭ CEOسى سىتىفىن.جوبىس شەرەپ بىلەن بىرىنچى ئورۇننى ئالدى، ئۇنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەب، "بىر ئادەم بىر ساھەنى ئۆزگەرتىۋەتسە، ئۇنىڭ تەلىيى كەلدى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن تۆت ساھەنى ئۆزگەرتىۋەتسە، پەقەت ئۇنىڭ كاللىسى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلەيدىكەن، دېيىشكىلا بولىدۇ" . لېكىن باھالاشقا قاتناشقان يۈز نەچچە نەپەر مۇتەخەسىسنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى :"ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى يىراقنى كۆرەر، ئىشنىڭ چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ، ئۇ يەنە بىر مال ساتقۇچى، ئىستىمالچىلارنى يېڭى مەھسۇلاتنىڭ چىقىشىغا تەشنا قىلىپ، تۇنجى سېتىلىش كۈنىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايرامغا ئايلاندۇرالايدۇ. باشقا ھەر قانداق سودا باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ يەنە مودا مەدەنىيىتىدىكى بەلگە خاراكېرلىك شەخس."

 

لېكىن بۇ "ئەقىللىق باشقۇرغۇچى"نىڭ جوڭگو بازىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى سەل "يوچۇن". باشقا چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن جوڭگو بازىرىغا كىرىپ، كەسپلەرنى ئېچىشتىكى ئاكتىپ سىتراتىگىيىسى بىلەن ئوخىشمايدىغىنى، بىز كۆرگەن ئالما شىركىتى بەك "دانا" بولۇپ كەتتىمۇ، ياكى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر، جوڭگودا بەك ئاستا تەرەققىي قىلدى.

 

ھازىرچە ھىچكىم جوبىسنىڭ جوڭگو بازىرىغا ئانچە ۋاي دەپ كەتمىگنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئۇقمايدۇ. لېكىن "ئەقىللىق" جوبىس كۆڭلىدە جوڭگو بازىرىنى قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇ جوڭگو بازىرىنى سەل چاغلاپ قالدى.

 

"بايلىق" ژورنىلىنىڭ مۇكاپاتلاش سەۋەبى ئىچىدە، جوبىسنىڭ ئەقىللىقلىقى ، ئۇنىڭ تۆت ساھەنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىدە؛ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، جوبىسنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۇنىڭ باشقىلارنى مودا ئېقىمىغا قىزىقتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ماڭغانلقىدا. لېكىن لىيەنشىياڭ (联想) نىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە مۇدىرىيەت باشلىقى لىيۇ چۈەنجى (柳传志) نەزىرىدە، جوبىس ئۇنچە "ئەقىللىق" ئەمەس. دەل ئۇ دېگەندەك، جوبىسنىڭ جوڭگو بازىرىنى سەل چاغلىشى ئالما شىركىتىنىڭ بارغانسېرى تار يولغا مېڭىشىنىڭ باشلىنىشى.

 

بۇندىن بۇرۇن ئەنگلىيە "پۇل-مۇئامىلە" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، لىيۇ چۈەنجى ئوچۇقلا قىلىپ:"بىزنىڭ تەلىيىمىز بار، چۈنكى، سىتىفىن.جوبىسنىڭ مىجەزى ئەسكى، ئۇ جوڭگو بازىرىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ئەگەر ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگو ئىستىمالچىلىرىغا قىلغان ئەمگىكى بىزچىلىك بولغان بولسا، بىز ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرىغان بولاتتۇق." دېگەن.

 

ئارقىدىن، ئامېرىكىدىكى مەلۇم پەن-تېخنىكا بلوگى لىيۇ چۈەنجىغا رەددىيە بېرىپ، ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگودىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ھەقىقەتەن لىيەنشىياڭنىڭكىدەك كۆپ ئەمەسلىكى، جوبىسنىڭ جوڭگوغا سالغان مەبلىغىنىڭ ئامېرىكغا يەتمەيدىغانلىقى، ھەتتا، باشقا دۆلەتلەرگە يەتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن، جوبىسنىڭ جوڭگوغا نەزەر سالماسلىقىدا سەۋەب بار دەپ قارايدىغانلىقىنى دېگەن ۋە ئالما ھازىر جوڭگودا كېڭىيىشكە باشلىدى دېگەن.

 

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ بلوگېرمۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا تازا ئىشەنمەيدۇ. جوڭگونىڭ ئېلېكترون بازىرىنىڭ گۈللەنگىنىگە بىر-ئىككى يىل بولغىنى يوق، ئالما شىركىتىنىڭ "تۈنۈگۈن" ۋە "بۈگۈن"ىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ جوڭگودىكى تىرىشچانلىقى ۋە سېلىنمىسىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. دۆلەت سىرتىدىكىگە ئوخشاش، دۆلەت ئىچىدىمۇ خېلى كۆپ ئىستىمالچىلار ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىغا بولغان ياقتۇرىشىنى ئىپادىلىدى، لېكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەقىقىي سېتىلىش يوللىرى يەنىلا چەكلىك، پەقەت جوڭگودىكى بىر قانچە چوڭ شەھەردىلا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بايراقدار دۇكانلىرى ۋە ھوقۇقلۇق دۇكانلىرى بار. يەنە كېلىپ iPhone ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنى پەقەت جوڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

 

ئالما شىركىتىنىڭ بىر پارچە 4-ئايدىكى پەسىللىك دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى جوڭگوغا قاراتقان كەسپىنى تولىمۇ قىزىقارلىق ھېس قىلغان. "چوڭ قۇرۇقلۇق، شىياڭگاڭ، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا رايونىدا iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى 9 ھەسسە ئاشتى. بىز  جوڭگودا جوڭگودا يېڭىدىن 800 سېتىش نۇقتىسىنى كۆپەيتتۇق. بۇندىن بۇرۇن ئۇلار ھىچقاچان پايدا ئېلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلمايتتۇق، لېكىن بۇ قېتىم بۇ ئالاھىدە سورۇندا بۇنى ئېلان قىلماقچى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىزنىڭ جوڭگودىن كەلگەن كىرىمىمىز تەخمىنەن 130 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى بولدى، ئېشىش نىسبىتى %200، شۇڭا بىز شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئېشىش ئالاھىدىلىكىدىن مۇشۇنداق پايدىلىنالىغانلىقىدىن رازى" دوكىلاتتا شۇنداق دېيىلگەن.

 

جوڭگو ئىستىمال بازىرى ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بازارلارنىڭ بىرى. مۇشۇنداق بازاردا، يەرلىك لىيەنشىياڭ شىركىتى %30 بازارنى ئىگەللىگەن ھەمدە ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئاۋۇ پەن-تېخنىكا بلوگىنىڭ ئاپتورىمۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگودا لىيەنشىياڭ شىركىتىگە تېخى يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھىچ بولمىغاندىمۇ بازا ئىگىلەش نىسبىتى ۋە ساپسىز پايدا جەھەتلەردە شۇنداق. مەيلى ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە بويىچە سېتىلىش مىقدارى جەھەتتىن بولسۇن، جوڭگو ئېلېكترون بازىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ كىرىمى ئىنتايىن ئاز.

 

بۇ يىل، ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگودىكى ھوقۇقلۇق سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ سانىدا كۆپىيىش بولدى. 4-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، جوڭگو بازىرىنى چوڭ بىر ئېشىش پۇرسىتى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۆتكەن ھەپتە، ئالما شاڭخەيدە بىر يېڭى دۇكان ئاچتى ھەمدە پىلانلارنى تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىپ، كېلەر يىلى جوڭگودا 25 پارچە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دۆلەت سىرتىدىكى بىر تەھلىلچى، ئالما كەلگۈسى 18 ئايدىن 2 يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە چوڭ قوشۇن باشلاپ جوڭگوغا كىرىدۇ. بۇنىڭدەك "كېچىكىپ كېلىش" كىشىگە "قوي يۈتكەندىن كېيىن، قوتاننى ئەتكەندەك" تەسىر بېرىدۇ، لېكىن بۇنىڭ كېچىككەن-كېچىكمىگەنلىكگە يەنىلا ئايرىم بىر نەرسە دېيىش كېرەك، دېدى.

 

لىيۇ چۈەنجىنىڭ مونۇ گېپىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس:"سىتىفىن.جوبىس بىر تالانت ئىگىسى. مېنىڭ ئۆلچىمىم بويىچە ئۆلچىگەندە، ئۇ باشقا بىر تىپقا كىرىدۇ، مېنىڭ نەزىرىيەمدە، باشقۇرغۇچى ئۈنچىنى بىر تال-بىر تالدىن ئۆتكۈزۈپ تىزىدىغان بىر تال يىپقا مۇھتاج. لېكىن جوبىسنىڭ ئۆزى بىر تال ئۈنچىگە ئوخشايدۇ."

( تەھرىر : ئاقيول تورى )

ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ

«كىيىنكى
ئالدىنقى»
كىيىنكى خەۋەر:ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ .
ئالدىنقى خەۋەر:دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى .
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرمۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزدىكى بەزى ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号