• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 23:40:36
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

           NvBئاقيول تور بىكىتى

           NvBئاقيول تور بىكىتى

     

        ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، سامساق نۇرغۇن تاماقلاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشىگۈچ ، بىراق سىز سامساق تەملىك كولانى ئىچىپ باققانمۇ؟ ئىچىپ باقمىغان بولسىڭىز ئەمدى چوقۇم ئىچىپ بېقىڭ، چۈنكى يېقىندا ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى.NvBئاقيول تور بىكىتى

        ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان بۇ خىل ئىچىملىكنى ياپونىيە ئامورى (Aomori) شەھىرى 1-ئايدىن باشلاپ بازارغا سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇنداق كولانى Jats Takkola دەپ ئاتايدۇ. ئامورى شەھىرى بۇرۇندىنلا ‹‹ ياپونىيەنىڭ  سامساق ماكانى ››، ‹‹ سامساق يۇرتى ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى دېگۈدەك سامساقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىكتىكى بىر قىسىم شىركەتلەر ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ سامساق تەملىك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان ، مەسىلەن : سامساق تەملىك پىۋا، سامساق تەملىك ماروژنى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە تېخى سامساق تەملىك كولامۇ بازارغا سېلىندى، ناھايىتى ئېنىقكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل يېڭى ئىچىملىكنى كۆپ قېتىم سىناش ئارقىلىقلا ئاندىن ئىچىشكە كۆنەلىشى مۇمكىن.NvBئاقيول تور بىكىتى

        سامساق تەملىك كولا ئاساسلىقى كولا بىلەن ئېزىلگەن سامساقنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەملىك كولانىڭ تەمى خۇددى ئادەتتىكى كولانىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، لېكىن ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سامساقنىڭ تەمىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن . NvBئاقيول تور بىكىتى

        قىزىقارلىقى شۇكى، مەزكور كولانىڭ سىرتقى قېپىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە سامساقنىڭ خام ماتېرىيال قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن ، شۇڭا ئەھۋالنى بىلمىگەن دوستلار بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشى مۇمكىن . نۆۋەتتە ، ئامورى شەھىرىدىكى سودا تور بېكەتلىرى 24 يېشىك سامساق تەملىك كولا يەنى Jats Takkola سېتىپ چىقارغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 7200 يېن (تەخمىنەن 375 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) بولغان، ئامورى شەھىرىدە بىر بوتۇلكا سامساق تەملىك كولانىڭ باھاسى 199 يېن (تەخمىنەن 15.6 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئىكەن.NvBئاقيول تور بىكىتى

         NvBئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز