بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك بىر بىناكار دېڭىز ئىچىگە 42 داچا سېلىشنى پىلانلىغان.بۇ داچىلار ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئىككىنچى قەۋىتى ياتاق ئۆي ۋە مۇنچا، بىرىنچى قەۋىتى ئاشخانا ۋە مېھمانخانا ئىكەن.بۇ داچا دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن تۆت مېتىر چوڭقۇرلۇققا سېلىنىدىغان بولۇپ، داچىغا كەلگەن مېھمانلار ئەينەك تام ئارقىلىق دېڭىزدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ھوزۇرلىنالايدىكەن.
بىناكارنىڭ ئېيتىشىچە، داچا پالۇبىنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، كېمە ئارقىلىق دېڭىزگە يۆتكەپ سۇ ئاستىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا بېكىتىلىدىكەن. بۇ دېڭىز ئاستى داچا قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا باشلىنىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: