بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
رۇسىيە ‹‹گېزىت خەۋەرلىرى›› نىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى بىر ئاشخانا خوجايىنى بېقىۋاتقان ئىككى ئېيىققا داۋاملىق ھاراق بەرگەن، نەتىجىدە بۇ ئىككى ئېيىق ھاراققا خۇمار بولۇپ ‹‹زابوي ئېيىق›› لاردىن بولۇپ قالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، يەرلىك سوت بۇ ئىككى ئېيىقنى ئاشخانىدىن ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئىككى ئېيىقنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى رۇسىيە چېگرا رايون تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاشخانا خوجايىنى ئىلگىرىمۇ ھايۋاناتلارنى بېقىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەرز قىلىنغان ئىكەن. گەرچە خوجايىن بۇ ئىككى ئېيىقىنى ھايۋاناتلار باغچىلىرىغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇ ھايۋاناتلار باغچىسى ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بۇ ئىككى ‹‹زابوي ئېيىق›› نى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان.
بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: