ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 3- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قاتتىق قار ياغقان، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى بىر ئەر بۇ قېلىن قاردىن پايدىلىنىپ، ئارقا ھويلىسىدا قار ئۆي ياساپ، توردا بۇ ئۆينى بىر كېچىلىكى يەتتە فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 66 يۈەن خەلق پۇلى) غا ئىجارە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەن.
ئېلاندا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قار ئۆيدە ئىككى ئادەم تۇرالايدۇ، قار ئۆيدە سۇدىن ساقلاش پالىزى بىلەن يوگا پالىزى بار، ھاجەتخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆي ئىجارە ئالغۇچى پەقەت ئۇخلاش خالتىسىنى ئېلىپ كەلسىلا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەر قار ئۆي ياساش تېخنىكىسىنى سىبىرىيەگە ساياھەتكە بارغاندا ئۆگەنگەن ئىكەن. قار ئۆي ئىجارە بېرىش توغرىسىدىكى ئېلانلارنىڭ توردا بېرىلىشى گەرچە كۆپ ئۇچرىسىمۇ، ئەمما قار ئاز ياغىدىغان ماسساچۇسېتستا تۈنجى قېتىم ئىكەن.