ۋاڭ جىيەن جوۋ ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گوروھىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ، پارتىگوروپپىسىنىڭ سېكرىتارلىق ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گوروھىنىڭ باش لىدىر ئالى باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ۋاڭ جىيەن جوۋ 1949-يىلى جېجىياڭنىڭ ۋېن جوۋ شەھرىدە تۇغۇلغان، مىللىتى خەنزۇ ، جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سانائەتشۇناسلىقىدا ئاسپىرانىتلىقنى ، شىياڭگاڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بولۇپ ،پىراففىسور دەرىجىلىك ئالى ئىگلىك باشقۇرغۇچى .2007-يىلى ئامرىكىدا چىقىدىغان <<سودا ھەپتىلىك >> ژورنىلىدا 2006 يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كارخانا ئىگلىك باشقۇرغۇچى دەپ باھالانغان ، داۋوس خەلىقئارا ئىقتىساد مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2008يىللىق بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان .
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ