9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇزۇندىن بۇيان مۇراجىئەت قىلىنىپ كەلگەن يانفۇن ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئەخلەت ئۇچۇر ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بىر ئۇچۇر تىجارەت بازار بۆلۈمىنىڭ خادىمى مۇخبىرغا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستېرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھەقىقىي ئىسىمدا تىزىملاشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يانفۇن ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن مەشىخۇلات قىلىش قىين بولۇش سەۋەبلىك، 4-5 يىلدىن بۇيان ئىزچىل مۇلاھىزە قىلىنغان بولسىمۇ، يولغا قويۇلمىغان ئىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كېيىن ھەق تاپشۇرىدىغان ئابۇنتلارغا قارىتا، ئۈچ تىجارەت سودىگىرى ئىزچىل تىجارەت زالىدىلا نومۇر تارقىتىدىغان قاتتىق سىياسەتنى قوللىنىپ، خېلى بۇرۇنلا ھەقىقى ئىسىم تۈزۈمىنى يولغا قويغان، شۇڭا بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەت دەل ئالدىن ھەق تاپشۇرۇش بازىرىغا قارىتىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە تىجارەتچىلەر ئالدىن ھەق تاپشۇرۇلغان نومۇر كارتىلىرىنى تارقىتىشتا گېزىت پۇكىيى قاتارلىق ئاممىۋى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدىكەن، بۇ ئومۇمىي بازارنىڭ %70 -80% نى ئىگىلەيدىكەن، شۇڭا تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ھەقىقى ئىسىم تۈزۈمى بىر تۈرلۈك زور قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن.
سانائەت ئۇچۇرمىنىستېرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئومۇمەن ئالدىن ھەق تاپشۇرۇلغان يانفۇن كارتىسى سېتىۋالغۇچىلار، چوقۇم ھەقىقىي سالاھىيەت ئىسپاتىنى تاپشۇرىشى، تىجارەتچى سىستېما ئارخىپىغا كىرگۈزۈپ ساقلىشى كېرەك. ئاممىۋى گېزىت پۇكىيى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋاستىلەرگە قارىتا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستېرلىقىنىڭ تەلىپى، <<قايسى شىركەتنىڭ كارتىسىنى ساتقان بولسا، شۇ شىركەت ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش>>تىن ئىبارەت. دېمەك، ئۇلارنىڭ كارتا سېتىشىغا يەنىلا يول قويىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئابونت ئۇچۇرىنى خاتېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شىركەت ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىپ سىستېمىغا كىرگۈزىشى كېرەك ھەمدە بۇ نومۇر كارتىلىرى ئاكتىپلانغاندىن كېيىن، خېرىدارنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك.
بۇرۇن سېتىۋالغان ئالدىن ھەق تاپشۇرۇلغان كارتىلارغا قارىتا، تىجارەتچى قالدۇق ئۇچۇرلارنى تولۇقلىشى ۋە خېرىدار ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى تۈگىتىشى كېرەك. بۇ تۈرلۈك خىزمەت ئاساسلىقى ئىككى يول ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. بىرى، خېرىدار تىجارەت زالىغا بېرىپ باشقا مۇلازىمەتلەرنى بىجىرگەندە ئۇلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىرى، تىجارەتچى قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تىجارەت زالىغا بېرىپ، خىزمەتلەرگە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خىزمەت مىقدارىنى ئويلىشىپ، يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىشىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۆتكۈنچى مەزگىل بولىدۇ، 2012-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن يانفۇنلار ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىنىدۇ.
سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يانفۇن ئىشلەتكۈچىلىرى 700 مىلىيۇندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %70-%80 ھەقىقى ئىسىم تەلەپ قىلىنمايدىغان ئالدىن ھەق تاپشۇرۇلغان ئىشلەتكۈچىلەر ئىكەن.
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
MIUI سېستىمىسى ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاھىيەلەندى
4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
ئالدىنقى ئايدا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفونلار تىزىملىكى
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
نوكىيانىڭ سىرلىق يېڭى يانفونىنىڭ مەخپىي نامى ئاشكارلاندى
يانفونغا تايىنىۋېلىش كېسەللىكى ئالامەتلىرى
iphone ئالما تىلىفۇنغا SIM كارتىدىكى نۇمۇرنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
ئەقلىي تېلىېفۇندا ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى زاپاسلاش ئۇسۇلى
يۇمشاق ئېكران زادى قانداق؟
iPhone ئەيىبلەندى،ليەنتوڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
NOKIAشىركىتى 1800نەپەر خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىكەن
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ باش لىدىرى كىم بىلەمسىز ؟
يانفۇننىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتتە گۇناھى
موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى
گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ
يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مىكروسوفت 21-چىسىلا Windows Phone 7نى ئېلان قىلىدىكەن
سىزدە تېلېفوندىن قورقۇش كېسىلى بارمۇ ؟
يانفۇن نومۇرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
ئامېرىكا ئىنژىنېرلىرى يانفۇنغا قول تىلىنى تونۇتۇشنى سىناق قىلدى
WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن
تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى
تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر
نومۇر باسمىسىمۇ بولىدىغان يانفون
ھەقىقىي > تېلېفون دېگەن مۇنداق بولىدۇ
iPhone 4 نىڭ سىگنال كاشىلىسىنى ئوڭشاشنىڭ 10 خىل چارىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى
دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس
ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ
Microsoft بۈگۈن iPhon4 نى مازاق قىلدى
سەرپىياتى بەش مىڭ يىلغا يېتىدىغان باتارىيە كەشىپ قىلىندى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان يانفۇن مەيدانغا كەلدى
گوگول ئەمدى داۋاملىق يانفۇن ئىشلەپچىقارمايدۇ
تۆتىنچى ئەۋلاد IPhone نىڭ قاتتىق ماتېرىياللىرىنى يېشىش