• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تويىدا «جورىسى»نىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان يىگىت قولغا ئېلىندى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 23:40:22
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
     
    ماتېرىيال سۈرەت
     
        ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹ تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتلاش ›› دىكى باش پېرسوناژ روس ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمىدا ئالدىنقى قىز دوستىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سالىدۇ، غەزەپلەنگەن قىز كېلىنچەك مەيدانىدىن قېچىپ كېتىپ، توي بۇزۇلىدۇ. ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن. تويدا يىگىت ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئوغۇل بىلەن قىز ئىككىلىسى قولغا ئېلىنغان.
        بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت ئايرىم -ئايرىم ھالدا ۋېنگرىيەلىك ۋە پاكىستانلىق بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن ئەسلا تونۇشمايدىكەن. يەرلىك كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن چېگرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشتەك تەقدىرگە دۇچار بولغان بۇ ئىككىيلەن يالغان توي قىلىش ئارقىلىق بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلماقچى بولغان. ئەمما يىگىت تويدا قىزنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن ھەمدە تونۇشتۇرغۇچىغا تېلېفون قىلىپ سورىماقچى بولغان، ئۇنىڭ بۇ قىلىمىشلىرىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار بۇ ئىككىيلەننى سوراق قىلىپ، ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەن. نۆۋەتتە ئۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا 20 ئايلىق ۋە 17 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز