
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلشىچە، موتورولا شىركىتى چارشەنبە كۈنى ئالما شىركىتىگە قارىتا ئۈچ تۈرلۈك ئەرزنامە چىقىرىپ، سىمسىز ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ موتورولا شىركىتىنىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
موتورولا شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئاللىقاچان ئامېرىكا سودا كومېتىتى (ITC) ۋە ئىلىنوس شىتاتىنىڭ شىمالى رايون سوتى بىلەن فلورىدا شىتاتىدىكى جەنۇبى رايون سوتىغا ئالما شىركىتىنىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى توغرىلىق ئەرزنامە سۇنغانلىقىنى ئېيتقان. ئەرزنامىدە، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone، iPad، iTouch ۋە باشقا بىر قىسىم PC مەھسۇلاتلىرىنىڭ موتورولا شىركىتىنىڭ ئانتېنا لايھىسى ۋە باشقا ئەقلىي يانفۇن تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئەيبلەشكە ئاساسەن، موتورولا شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باش شىتابى
موتورولا شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا سودا كومېتىتىنىڭ بىر تۈرلۈك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش، سېتىش، تىجارەت قىلىش ياكى ئامباردا ساقلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
موتورولا شىركىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى Kirk Dailey مۇنداق دېدى:«ئالما شىركىتى يېقىندا ئالاقە بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، بىز ئۇزۇن سۆھبەتلەشتۇق، لېكىن ئالما شىركىتى ئىزچىل بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇققا ئېرىشىشنى رەت قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا تاللىشىمىز يوق، پەقەت ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى توسالايمىز. موتورولا شىركىتى داۋاملىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، بۇ شىركەتنىڭ كەسىپلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.»
ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا قارىتا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.
بۇ يانفۇن پاتنېت ھوقۇقى ماجرالىرى ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى بىر ماجرا. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى، مىكروسوفت موتورولاغا قارىتا بىر تۈرلۈك ئەيبنامە چىقىرىپ، ئۇنى Android يانفۇنىنىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېگەن. مىكروسوفت ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومېتىتى ۋە ۋاشىنگتون غەربىي رايون سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، موتورولا شىركىتىنىڭ 9 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ پاتنېتلار ئېلخەت ماس قەدەملەشتۈرۈش، كالىندار ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار دەپتىرى، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، سىگنال دەرىجىسى ۋە باتارىيە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئالما شىركىتى 3-ئايدا خۇڭدا ئېلېكترۇنىغا قارىتا ئەيبنامە چىقىرىپ، ئۇنى iPhone نىڭ ئىشلەتكۈچى يۈزى، ئاساسى قۇرۇلما ۋە قاتتىق ماتېرىياللارغا مۇناسىۋەتلىك 20 تۈرلۈك پاتنېتقا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيبلىگەن؛ چىغىناق-تارغاق يېزىقىمۇ 8-ئايدا گوگىلنى ئەرز قىلىپ، Android يانفۇن مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ يۇمشاق دېتال پاتنېتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيبلىگەن.
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
MIUI سېستىمىسى ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاھىيەلەندى
4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
ئالدىنقى ئايدا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفونلار تىزىملىكى
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
نوكىيانىڭ سىرلىق يېڭى يانفونىنىڭ مەخپىي نامى ئاشكارلاندى
يانفونغا تايىنىۋېلىش كېسەللىكى ئالامەتلىرى
iphone ئالما تىلىفۇنغا SIM كارتىدىكى نۇمۇرنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
ئەقلىي تېلىېفۇندا ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى زاپاسلاش ئۇسۇلى
يۇمشاق ئېكران زادى قانداق؟
iPhone ئەيىبلەندى،ليەنتوڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
NOKIAشىركىتى 1800نەپەر خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىكەن
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ باش لىدىرى كىم بىلەمسىز ؟
يانفۇننىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتتە گۇناھى
موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى
گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ
يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مىكروسوفت 21-چىسىلا Windows Phone 7نى ئېلان قىلىدىكەن
سىزدە تېلېفوندىن قورقۇش كېسىلى بارمۇ ؟
يانفۇن نومۇرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
ئامېرىكا ئىنژىنېرلىرى يانفۇنغا قول تىلىنى تونۇتۇشنى سىناق قىلدى
WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن
تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى
تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر
نومۇر باسمىسىمۇ بولىدىغان يانفون
ھەقىقىي > تېلېفون دېگەن مۇنداق بولىدۇ
iPhone 4 نىڭ سىگنال كاشىلىسىنى ئوڭشاشنىڭ 10 خىل چارىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى
دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس
ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ
Microsoft بۈگۈن iPhon4 نى مازاق قىلدى
سەرپىياتى بەش مىڭ يىلغا يېتىدىغان باتارىيە كەشىپ قىلىندى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان يانفۇن مەيدانغا كەلدى
گوگول ئەمدى داۋاملىق يانفۇن ئىشلەپچىقارمايدۇ
تۆتىنچى ئەۋلاد IPhone نىڭ قاتتىق ماتېرىياللىرىنى يېشىش