ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سىرلىق غايىپ بولدى،بىرلەشمە خەۋەرلىشىشiPhone <<قويمىچى>> دەپ ئەيپلەندى
iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3Gئابونتلىرىمۇ تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى. لېكىن <<ئالما>>نى يۆلەنچۈك قىلىۋالغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش يېقىندىن بىرى <<قويمىچى>> دەپ ئەيىپلەندى.
يېقىندا، <<كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى>> بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈستىدىن يېزىلغان ئەرزنامىنى تاپشۇرۋالدى. ئەرزدە <<جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخسىدىكى iPhone ئەقىلگە سىغمايدىغان ساندان ئېقىمى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ>> دىيلىدى. مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇلتۇر 11- ئايدىن ھازىرغىچە، جېجياڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ موشۇنداق ئەرزلەر سۇنۇلغان. تولۇق بولمىغان ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئېلىكتىرون سودا جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تاپشۇرۋالغان ئەرزلەر 10غا يەتكەن.
ساندان ئېقىمى يېرىم كېچىدە <<سەمىرىپ كەتكەن>>
<<تورغا مەن چىقسام، ساندان ئېقىمىدا سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب بولسا؛ ھېسابلاش سېستىماڭنى چۈشەنمىگەندىن كېيىن، يا گۇمانلانغىنى بولمىسا... ھەتتا مەن تورغا چىقىمىغان چاغدىمۇ، ساندان ئېقىمى ھىسابلىسا، تېخى بىر قېتىمدىلا 200 يۈەنلىك ھېسابلاپ قويسا، بۇ ئادەم بوزەك قىلغانلىق بولامدۇ قانداق؟!...>>
10- ئاينىڭ 14- كۈنى، شاڭخەي ليەنتوڭiPhoneنىڭ ئابونتى چىڭيوڭ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادىتى بويىچە ئۆزىنىڭ iPhone3GS بىلەن شاتلىق تورى ۋە سىنادىكى بلوگىنى بىردەم ئارلىغان، ئاندىن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ توردىكى تىجارەتخانىسى بولغان com.10010 غا كىرىپ، بۇ ئايدا يەنە قانچىلىك ۋاقىت تورغا چىقالايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. <<ئەسلىدە بىكارچىلىقتىن تۈكشۈرۈپ باقاي دەپ كىرگەن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇنداق ئېغىر مەسىلىنى بايقايدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن>> دەيدۇ ئۇ.
چىڭيوڭ يانفونىنىڭ شۇ ئايلىق ھېسابىنى ئاچقاندا، ھېسابات قالدۇقىنىڭ نۆل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.<< مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئايلىقى 286 يۈەنلىك 3Gيۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، بۇ خىل مۇلازىمەتتە بىر گىگابايىتلىق ساندان ئېقىمى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئالدىنقى ئىككى ئايدا مەن ئاي توشاي دىگەندە بىر مۇنچە ھۆججەتلەرنى چۈشۈرسەممۇ تەستە تۈگەيتتى، لېكى بۇ ئايدا نېمىشقا بۇنچە تىزلا تۈگەپ قالىدۇ؟>>
چىڭيوڭ ئۇ چاغدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور سېستىمىسىدىن چاتاق چىققان بولسا كېرەك دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى بۇرۇنمۇ سېستىما خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئۇچۇرلارنىڭ قالايمىقان كۆرۈنۈش ئەھۋالى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن، كومپىيوتېرى بىلەن تورغا چىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ. بۇ چاغدا بەت يۈزىدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىكى ساندان ئېقىمى تۈگەشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ يەنە يۈرۈشلۇك مۇلازىمەت سىرتىدا 200 يۈەن قەرزدار بولغانلىقى كۆرىنىدۇ.
چىڭيوڭ خىراجەت تالونىنى تەپسىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سەھەر سائەت نۆلدىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە دەپ خاتىرلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ.شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدىن باشلاپ، چىڭيوڭنىڭ iPhoneنى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن ئىشىپ كەتكەن ھېساپتا خىراجەت خاتىرلىگەن. يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سىرتىدىكى 200 يۈەن، تەخمىنەن شۇ كۈنى سەھەر سائەت 2:16دىن 6:47 مىنۇتقىچە بولغان ئارلىقتا خاتىرلەنگەن.
<<ئۇ كۈنى تورغا چىقمىغانلىقىمنى، ئەكسىچە ئۇخلىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن. بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە iPhoneدىن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھېسابات سېستىمىسىدىن مەسىلە چىققان دىيىشتىن باشقا سەۋەب تاپالمىدىم.>>
بۇ غەلىتە ھېسابات تالونىنى كۆرگەندىن كېيىن، چڭيوڭ دەرھال ليەنتوڭنىڭ شاڭخەيدىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىگە تېلىفۇن قىلغان، نەتىجىدە قىزىق لىنىيە مۇلازىمەتچىسى ئۇنىڭغا: <<داۋاملىق ئىشلىتىۋىرىڭ، ساندان ئېقىم خىراجىتىڭىز 500 يۈەندىن ئاشقان چاغدا، 80 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاپ بېرىمىز. 500 يۈەندىن ئاشمىسا ئامال يوق، خىراجەت تالونىدا خاتىرلەنگەن بويىچە ھېساب قىلىمىز>> دەيدۇ.
قىزىق لىنىيە مۇلازىمەتچىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەن چىڭيوڭ : << مەن نېمىشقا 500 يۈەندىن ئاشۇرۇشۇم كېرەك، سىلەر نېمىشقا 500 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىنلا 80 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھېساب قىلىسىلەر؟ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئابونتلارنىڭ ساندان ئېقىمىغا قارىتا ئۆزى بىلگەنچە مەشغۇلات قىلىدىغان، خىراجىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان ئىش بارمۇ قانداق؟>> دەپ سورايدۇ.
چىڭيوڭنىڭ گۇمانىغا قارىتا قىزىق لىنىيە مۇلازىمەتچىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ساندان ئېقىمنى ھېسابلاشتا ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ئېيتىدۇ. <<ئالما>>نىڭ شاڭخەي پۇدوڭدىكى پارچە سېتىش ئورنىنىڭ مۇلازىمى چىڭيوڭنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخسىدىكىiPhoneنىڭ ساندان ئېقىمىدا كۆرۈلگەن مەسىلە ھەققىدىكى ئىنكاسىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، يانفون بىلەن تېلىۋىزىيە قاتارلىق سىن تۈردىكى كەسىپلەرنى ئىشلەتكەن گەپ، بولمىسا بۇنداق كۆپ ساندان ئېقىمى خاتىرلەنمەيدۇ دەيدۇ.
باشقا چارە بولمىغانلىقتىن، ھازىر چىڭيوڭ مۇلازىمنىڭ تەكلىپى بويىچە، iPhoneبىلەن تورغا چىقىۋىتىپتۇ. <<بۇ بىر نەچچە كۈندە iPhone دا ساندان ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ ھېسابلاش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، لېكىن يەنە ئاي ئاخىرى كەلگەندە ليەنتوڭ سېستىمىسىدا يەنە ئارتۇق خاتىرلەش كۆرىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، شۇنداق بولۇپ قالسا نىمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن>> دەيدۇ چىڭيوڭ.
تورداشلار كەينى كەينىدىن ئەرز قىلىشماقتا
چىڭيوڭنىڭ بۇ ئەنسىرىشى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. بۇ ئىش يۈ بېرىشتىن بۇرۇنلا جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ليەنتوڭ iPhoneغا قارتىلغان يۇقارقىدەك گۇمانلار بۇرۇنلا ئوتتۇرغا چىققان.
بۇ يىل 9- ئاينىڭ 24- كۈنى جېجياڭدىكى ۋاڭ ئەپەندى جۇڭگو ئېلىكتىرون سودا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن 3.15 ئستىمالچىلارنىڭ شىكايەت تورىدا <> دەپ شىكايەت قىلغان.
ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا قارىغاندا، ئۇ 9- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، 8Gلىق لىيەنتوڭ نۇسخسىدىكى iPhone3Gنى ئىشلەتكەن ھەمدە يۇمشاق دىتاللارنىڭمۇ تىجارەت زالى تەمىنلىگەن نۇسخسىنى چۈشۈرگەن. لېكىن 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، iPhoneسىنىڭ ساندان ئېقىمىنى غەلىتە خاتىرلەپ ماڭغانلىقىنى بايقىغان ئىكەن.
ۋاڭ ئەپەندى 10010 لىنىيىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، ئالاھىدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ساندان ئېقىمىنىڭ 7 مىگادىن كۆپ بولۇپ، 75.56 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بىلگەن. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى 30 مىگابايىتى 5 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىكەن. ئۇ ئۆيىدە iPhoneنى ئىشلەتكەندە ئاساسى جەھەتتىن WiFiدىن پايدىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور كۆرگۈچىمۇ ساندان ئېقىمىنى تىجەيدىغان WAP نۇسىخسىدا ئىكەن. شۇڭا ئۇ 30 مىگابايتىلىق ساندان ئېقىمىنىڭ شۇنچە تىز تۈگەپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن.
<>ئىسىملىك تورداش بۇنداق <<ئارتۇق ھېسابلاش>> نىڭ چىڭيوڭ ياكى ۋاڭ ئەپەندىنىڭلا بېشىغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇلتۇر 7- ئايدا بىر تور بەتتە <<ليەنتوڭ بىكاردىن 100 يۈەن پۇلۇمنى ئېلىۋالدى>> ماۋزۇلۇق بىر يازمىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.
بۇ تورداشنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ iPhone3Gنى ئىشلەتكەن بولۇپ، گەرچە ئۇ چاغدا ليەنتوڭ نۇسخسىدىكى iPhone تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ iPhoneنىڭ 3Gئۆلچىمى ليەنتوڭ سېتىۋاتقان WCDMA بولغانلىقتىن، ليەنتوڭنىڭ 3G يانفون كارتىسىنى بىجىرگەن ئىكەن. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئىشلىتىپ 10 كۈن ئۆتمەيلا ئۇ سوممىسى 500 يۈەنگە يەتكەن ھېسابات تالونىنى تاپشۇرۋالغان. تالوندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ساندان ئېقىمىدا 7- ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە،<<ھەرىكەتچان نەزەر GPRSWAP >>مەزمۇنى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ تورداش بۇ ھەقتە : <<مەن ئۇنى ئىشلىتىش تۈگۈل، ئۇنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن>> دەيدۇ.
<<ھەرىكەتچان نەزەر>>نىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈنtobloveme ليەنتوڭنىڭ 3Gكارتىسى ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ باقىدۇ، ئەسىلىدە <<ھەرىكەتچان نەزەر>> دىگىنى بىر نەچچە تور بىكەتنىڭ ئىسمى ئىكەن.
يۇقارقى مىساللاردىن باشقا،<<ئالاقە باغچىسى>>، <<سالاپەت>> قاتارلىق iPhoneھەۋەسكارلىرى توپلاشقان تور بىكەت ۋە مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە شىكايەت قىلىنىغان نۇرغۇن يازمىلار ئېلان قىلىنغان.
ئۇنداقتا، <<ساندان ئېقىمى ئېشىپ كېتىش>> ليەنتوڭiPhoneنىڭ چاتىقىمۇ ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش قويمىچىلىق قىلىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبچىسى جۇڭگو لبىرلەشمە خەۋەرلىشىشمۇ ياكى ئالماiPhoneنىمۇ؟
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
<<يانفوندىكى جۇڭگو>> تورى 1- ئايدا ئېلان قىلغان iPhone3GS يانفونىلىرىنىڭ ساندان ئېقىمى سىناق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،3GS ئۆلچىمىدىكى iPhone مىسال قىلىنىپ، QQ قاتارلىق IMيۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەتكەندە، ھەر 20 مىنۇت ئىچىدە ساندان ئېقىمىنىڭ يوللاش مىقدارى 113 كىلوبايىت، قوبۇل قىلىش مىقدارى 340كىلو بايىت بولۇپ، سوممىسىنىڭ 0.13 يۈەن ئەتىراپىدا بولىدىغانلىقى؛ iPhone تەمنىلىگەن تور كۆرگۈچ يۇمشاق دىتاللىرى ئارقىلىق، تۆت پايچەك ئۇچۇرى كۆرۈلگەندە ساندان ئېقىمىنىڭ يوللارش مىقدارى 181 كىلوبايىت، قوبۇل قىلىش مىقدارى 863كىلوبايىت بولۇپ، سوممىسىنىڭ 0.3 يۈەن ئەراپىدا بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. دوكلاتتا، iPhone ئېلخەت سېستىمىسى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولغانلىقتىن ئىتىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئابونتلارنىڭ ئوقۇلمىغان قالدۇق خەتلىرى كۆپ بولۇپ كەتسە، ساندان ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تورداش aikkdd ئۆزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەپ: <> دەيدۇ.
ئابونتلارنىڭ بۇ خىلدىكى گۇمانلىرىغا نىسبەتەن ليەنتوڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالدى. <<كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى>> موشۇ ئىش ھەققىدە ئېلخەت ئارقىلىق ليەنتوڭ شىركىتىگە زىيارەت تەلىپى قويغاندا، ليەنتوڭ شىركىتى ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.
بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3Gكەسپى رەسمىي ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ <<ئېنىق>> ھېسابات قىلىدىغان ئەندىزىسىنى چوڭ كوزۇر قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. جۇڭگو ليەنتوڭ تەكىتلەپ، كەسىپ ھىساباتى جەھەتتە، بىز مۇستەقىل بولغان M/T ئەندىزىسىنى قوللىنىمىز دىگەن. بۇ خىل ئەندىزە بويىچە M سىنقانال، ناخشا-موزىكا قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ھېسابات بىرلىكى بولۇپ، سوممىسى 1 يۈەن؛ بولسا خەۋەر، ئېلخەت قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ھېسابات بىرلىكى بولۇپ، سوممىسى 0.2 يۈەن قىلىپ بەلىگىلەنگەن. تەپسىلىي ھېسابات كۆرگەن سىنقانال ياكى چۈشۈرگەن ناخشا-موزىكا ۋەياكى ئوقۇغان يېزىق ھۆججىتىنىڭ سانىغا كۆپەيتىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ.
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ