WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : Windows Phone 7 Microsoft نى تارقىتىش خىزمىتى ئەمدىلىكتە << تېخنىكا كۆرۈكى >> باسقۇچىغا قەدەم قويدى . Microsoft ئارقىدىنلا ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرگە بىر قىسىم ئەسلى تىپتىكى يانفونلارنى ئەۋەتىپ بېرىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەييار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئوخشاش ۋاقىتتا ، Microsoft تېخنىكا كۆرۈكى نۇسخىسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەرگىز كەمچىل ئەمەس .
بىر قىسىم پەن - تېخنىكا تور بېكەتلەر مەسىلەن Engadget، Gizmodo قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى تىپتىكى يانفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ ، ئۇلارغا Windows Phone 7 مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلانغان . يېڭى سىستېما تېگىشىش كۆرۈنمە يۈزنى << Metro >> دەپ ئاتىغان بولۇپ ، Microsoft ھازىر KIN تىپىدىكى ئاللىبۇرۇن توختىتىپ بولدى . ھەرقايسى تەرەپتىن كەلگەن ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەرگە قارىغاندا : يېڭى سىستېمىغا << يېڭىلىق كەمچىل ، چۈشىنىشلىك ، سۈرئىتى تېز ، سەزگۈر >> دېگەندەك باھالار بېرىلدى .
ئېلخەت ، Office ئىشخانا يۇمتاللىرىنىڭ قوللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ تېخنىكا كەڭ ئابونىتلارنىڭ قىزغىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى . ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى : Exchange ، POP3/IMAP4 ياكى Gmail قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن بولۇپ ، بۇ ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك . Engadget تا مۇنداق يېزىلدى : ئومۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا ، يانفوندا ئېلخەتنىڭ نورمال ئشلىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ، ئۇ بىر ناھايىتى روشەن ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىدى . بىر قىسىم قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنى ئەڭ ئالدىغا قويدى .
ئۇنىڭدىن باشقا ، Windows Phone 7 تور كۆرگۈچ ۋە مىدېئالىق ۋاسىتىلەر بىلەن بىرىكىشى ناھايىتى قالتىس بولدى . مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا IE7 تور كۆرگۈچى سەپلەنگەن بولۇپ ، بەزىلەر ، ئۇ iPhone ۋە Android نىڭ ئاساسىي بولغان قارا بۆلجۈرگەن تور كۆرگۈچىگە تاقابىل تۇرالايدۇ ، دېدى .
كەسپىي خادىم Boy Genius مۇنداق يازدى : Microsoft نىڭ تور كۆرگۈچىسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن ، ئەمما ئۇ تېخى ئالدىراپ شادلىنىشتىن يىراقتا تۇرۇۋاتىدۇ . ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر تور كۆرگۈچىسى ئەمەس ، بەزى ۋاقىتتا نورمال ئىشلەشكە ئامالسىز قالىدۇ ، يەنە بەت ئۆرۈگەن ۋاقىتتا بەزى كېچىك مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ .
Microsoft نىڭ Zune تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ يېڭى سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى .
Windows Phone 7 دىكىOutlook بىلەن People نىڭ ئىچىگە سەپلەنگەن Facebook نۇرغۇن ئابونىتلارغا تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
Windows Phone 7 نىڭ مەۋھۇم كۇنۇپكىسىغا قارىتا ھەرقايسى تور بېكەتلەر پىكىرلەرنى بەردى .
Engadget باھا بېرىپ مۇنداق دېدى : بىز ئۇنى ئەڭ ئالدىغا قويىمىز ، چۈنكى Windows Phone 7 كۇنۇپكىسى ، ئەڭ ، ئەڭ ياخشى ،مەن بۇ جەھەتتە بۇنى iPhone بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ياخشى دەپ قارايمەن . ئەمما Android سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق ياخشى . ئۇ ئېنىقكى مەن ھازىرغىچە ئىشلەتكەن ھەرقانداق سۇپىدىكى كۇنۇپكىلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى . iPhone ئۆزىنىڭ مەۋھۇم كۇنۇپكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا ، نۇرغۇن ئادەم بۇ خىل QWERTY يۇمتال كۇنۇپكىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن گۇمانلانغانىدى . ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا قۇرۇلمىلار ئۆلچەملىشىش سەۋىيىسىگە يەتكەن .
يىغىنچاقلىغاندا ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، Windows Phone 7 غا بولغان باھالار ناھايىتى ياخشى .
يېڭىلىق يارىتىش كەم
Gizmodo مۇنداق دېدى : Windows Phone 7 ھەقىقەتەن ياخشى ، ئۇ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەپلىمىلەرمۇ ناھايىتى ياخشى . ھەتتا ئۇ 2009 - يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئەڭ ياخشى ئەقلىي يانفوننىڭ بىرى بولۇپ كەلدى . ئەمما بۇ يېتەرلىكمۇ ؟ ھازىر Android بىلەن iPhone بولسا بىر يېڭى دەۋر ئاچتى ، ئۇلار مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئىلغار سەپلىمىگە ئىگە .
Engadget مۇنداق دېدى : نۇرغۇن تەرەپتىن قارىغاندا ، Microsoft ئېلىپ كەلگەن بۇ سىناق بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . Windows Phone 7 نىڭ مەلۇم قىسمى رومكىغىلا ئوخشايدۇ ، ئۆزگىچە تەتقىق قىلىش ، ئۇ كېيىنكى بىر ئەۋلاد يانفون سۇپىسىنىڭ نەمۇنىسى . بۇ ھەم ياخشى ئىش ھەم يامان ئىش . بىر تەرەپتىن ، Metro قوللىنىشقا بولىدۇ ، ئېنىقكى كۆچمە سۇپىسى ئۇلاش ئېغىزىدا سىناق قىلىنىدۇ . بىز بۇنىڭدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز . بۇ ئەقلىي يانفون ساھەسىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن Microsoft ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشى زۆرۈر . ئۇ قىسقىغىچە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ، ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ . بۇ جەرياندا بەزى ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا ، بۇلار ناھايىتى ۋەھىمىلىك !
ئەڭ ئاخىردا ، Boy Genius خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى : Windows Phone 7 بىرىنچى iPhone دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ، نۆلدىن باشلاپ ياسالغان ۋە تاھازىرغىچە بازارغىچە كىرمىگەن يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا ساقلانغان بەزى يېتەرسىزلىك بولسا بىر بەختسىزلىك ھېسابلىنىدۇ . ئۆتكۈر كۆز بىلەن Windows Phone 7 غا قارىغاندا ، بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە يېڭىلىقنىڭ يوقلۇقنى كۆرىمىز . ئۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ھازىرغىچە نامايان بولۇپ بولغان بىر قاتار ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ، مەسىلەن ، ئالاقىلاشقۇچى ، ئېكران بەلگىلەش ، يانفون ئەمەلىي قوللىنىشى ۋە مۇزىكا قويغۇچىسى قاتارلىقلار . ئالاھىدە يېڭىلىق كەم بولغان WP7 يانفونىنىڭ << ئۈچ چوڭ خوجايىن >> غا رەھبەر بولۇش ياكى بولالماسلىقنى بىز ئانچە مۇتلەقلەشتۈرەلمەيمىز .
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
MIUI سېستىمىسى ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاھىيەلەندى
4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
ئالدىنقى ئايدا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفونلار تىزىملىكى
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
نوكىيانىڭ سىرلىق يېڭى يانفونىنىڭ مەخپىي نامى ئاشكارلاندى
يانفونغا تايىنىۋېلىش كېسەللىكى ئالامەتلىرى
iphone ئالما تىلىفۇنغا SIM كارتىدىكى نۇمۇرنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
ئەقلىي تېلىېفۇندا ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى زاپاسلاش ئۇسۇلى
يۇمشاق ئېكران زادى قانداق؟
iPhone ئەيىبلەندى،ليەنتوڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
NOKIAشىركىتى 1800نەپەر خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىكەن
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ باش لىدىرى كىم بىلەمسىز ؟
يانفۇننىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتتە گۇناھى
موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى
گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ
يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مىكروسوفت 21-چىسىلا Windows Phone 7نى ئېلان قىلىدىكەن
سىزدە تېلېفوندىن قورقۇش كېسىلى بارمۇ ؟
يانفۇن نومۇرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
ئامېرىكا ئىنژىنېرلىرى يانفۇنغا قول تىلىنى تونۇتۇشنى سىناق قىلدى
WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن
تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى
تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر
نومۇر باسمىسىمۇ بولىدىغان يانفون
ھەقىقىي > تېلېفون دېگەن مۇنداق بولىدۇ
iPhone 4 نىڭ سىگنال كاشىلىسىنى ئوڭشاشنىڭ 10 خىل چارىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى
دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس
ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ
Microsoft بۈگۈن iPhon4 نى مازاق قىلدى
سەرپىياتى بەش مىڭ يىلغا يېتىدىغان باتارىيە كەشىپ قىلىندى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان يانفۇن مەيدانغا كەلدى
گوگول ئەمدى داۋاملىق يانفۇن ئىشلەپچىقارمايدۇ
تۆتىنچى ئەۋلاد IPhone نىڭ قاتتىق ماتېرىياللىرىنى يېشىش