سەھىپىلەر
خەۋەر
ئەسەر
ئۇچۇر
ناخشا
MTV
كىنو
ئۇيۇن
رەسم
چۈشۈرۈش
تېلېۋىزىيە

تەۋسىيەلىك يانفۇن بىلىملىرى

يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
يانفون سىگ
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
2013-يىلىدىك

ئاۋات يانفۇن بىلىملىرى

تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-09   مەنبەسى : ئاقيول تورى   كۆرۈلىشى:   بىسىپ چىقىرىش
ئاقيول تورى خەۋىرى:

تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى

 


 

بىرىنچى باسقۇچ : ئاۋۋال تېلفۇن ئۇرىسىز، ئۇلانغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ تىزگىنىكىنى سۆزلەش كانىيىغا يېقىن ئەكىلىسىز

 

يېقىندا، مەلۇم مۇنبەرگە يېزىلغان "ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىدىغان تېلفۇن ئىقتىدارلىرى" دېگەن تېما ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن.

 

تۈنۈگۈن مۇخبىر يازمىدا دېيىلگەن ئۇسۇللار بويىچە سىناپ كۆردى ھەمدە مۇتەخەسىسلەرنى ئىزدەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە راستلىرىمۇ، يالغانلىرىمۇ بار ئىكەن.

 

بىرىنچى ئىقتىدارى : ئۆز نومۇرىنى قۇرۇق نومۇر قىلىپ قويۇش

 

ئەسلى يازما : باشقىلارنىڭ سىزنى ئاۋارە قىلىشىنى خالىمىغان ۋاقىتلاردا، تېلفۇنىڭىزنى ئېتىۋىتىشنى خالىمىسىڭىز، بۇ ئۇسۇل بىلەن نومۇرىڭىزنى قۇرۇق نومۇرغا ئايلاندۇرۇپ قويۇڭ.

 

تېلفۇنغا *21*999999# (ئوڭدىن سولغا) نى كىرگۈزۈپ، تېلفۇن ئۇرۇش كونۇپكىسىنى بېسىڭ. باشقىلار سىزگە تېلفۇن قىلغاندا، سىزنىڭ نومۇرىڭىز قۇرۇق نومۇر بولۇپ چىقىدۇ. ##21# (ئوڭدىن سولغا) نى كىرگۈزۈپ ئۇرغاندىن كېيىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.

 

ئەسكەرتىش : بۇ ئىقتىدارغا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەق ئالمايدۇ، بۇ تېلفۇن نومۇرىدىكى بىر يوچۇق بولىشى مۇمكىن.

 

تەجىرىبە نەتىجىسى : نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئېكراندا سىرتقا قارىتىلغان ئىستىرىلكا پەيدا بولىدۇ.

 

سىرىنى ئېچىش : ئۇنچە سىرلىق ئەمەس؛

 

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر مۇشۇ مەسىلە توغرىلىق مەلۇم كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تارماق پونكىتىنىڭ  دېرىكتورى جاڭ دوڭجۈدىن مەسلىھەت سورىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ئازىراقمۇ سىرلىق ئەمەسكەن.

 

جاڭ دوڭجۈ مۇنداق دېدى : دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئىشلىتىلگەن تېلفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىنغان، تىزىملىكلىرى ئىنگلىزچە بولۇپ، ئىنگلىزچە ئۇقمايدىغانلار ئىشلىتەلمەيدۇ، خەلقئارا تېلگراف ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى مەسىلەن، نوكىيا، موتورولا قاتارلىق چوڭ كارخانىلار ھەمكارلىشىپ بۇ تىزىملىكلەرنىڭ ئورنىغا بەزى نومۇرلارنى ئىشلەتكەن، بۇلار ئەمەلىيەتتە دەل تېزلەتمە كونۇپكىلار، بۇ نومۇرلار G تورىدىكى تېلفۇنلاردا خەلقئارالىق ئورتاق كودلار ھېسابلىنىدۇ.

 

**21* بولسا ئەمەلىيەتتە "چاقىرىشنى يۆتكەش" (呼叫转移) كە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 999999 بولسا يۆتكىمەكچى بولغان تېلفۇن نومۇرى؛ ##21# بولسا "بىكار قىلىش" نى بىلدۈرىدۇ؛ ئالتە دانە 9، ئالتە دانە 6 ياكى ئالتە دانە 1 دېگەندەك نومۇرلار چوقۇم قۇرۇق نومۇر بولىدۇ، ئەگەر خالىغان بىر قۇرۇق نومۇرنى ياكى توختاپ كەتكەن نومۇرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقسىڭىز ئوخشاشلا بولىدۇ، بۇ نومۇردىكى يوچۇق ئەمەس.

 

 

ئىككىنچى باسقۇچ : تېلفۇن ئۇلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم تېلفۇننى ماشىنا ئىشىكىگە چىڭ چاپلاپ تۇرىدۇ.

 

ئىككىنچى ئىقتىدار : تېلفۇن سۈپىتىگە ھۆكۈم قىلىش

 

ئەسلى يازما : #06# نى كىرگۈزسىڭىز ئېكراندا بىر قاتار نومۇر كۆرىنىدۇ، نومۇرنىڭ 7-، 8-خانىسىدىكى ساننى سېلىشتۇرسىڭىزلا تېلفۇننىڭ سۈپىتىنى بىلەلەيسىز.

 

02 ياكى 20 بولسا ئىنتايىن ناچار تېلفۇن؛ 08 ياكى 80 بولسا بىر ئاز ياخشى؛ 01 ياكى 10 بولسا ئىنتايىن ياخشى؛ 00 بولسا ئەسلى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؛ 13 بولسا ئەزەربەيجاندا ياسالغان ئەڭ ناچار تېلفۇن.

 

سىرىنى ئېچىش : ھىچقانداق ئاساسى يوق، تەرتىپ نومۇرى پەقەت تېلفۇننىڭ "كىملىك"ى؛

 

جاڭ دوڭجۈ مۇنداق دېدى : خەلقئارا تېلگراف ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بىر تېلفۇن بىرلا "كىملىك" كە ئىگە بولىدۇ، يەنى خەلقئارا پەرقلەندۈرۈش نومۇرى، دۆلەت ئايرىمىسى، ئىشلەنگەن جايى، زاۋۇت، تىپى قاتارلىقلار. بىر زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان تېلفۇننىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ئوخشاش بولىدۇ، ئوخشىمايدىغىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن، ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ. ھازىر كۆپىنچە چەتئەلنىڭ داڭلىق تېلفۇنلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، "35" تىن باشلانغان تەرتىپ نومۇرى دەل جۇڭگودا ئىشلەنگەن تېلفۇنلارنىڭ نومۇرى بولىدۇ.

 


ئۈچىنچى قەدەم : تېلفۇن ئارقىلىق ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىش

 

ئۈچىنچى ئىقتىدارى : 112 ئارقىلىق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش

 

ئەسلى يازما : پۈتۈن دۇنيادىكى تېلفۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولغان 112 جىددى قۇتقۇزۇش نومۇرى بار، يەنە كېلىپ سىگنال بولمىسىمۇ ئۇرغىلى بولىدۇ. تېلفۇنىڭىزنىڭ كونۇپكا تاختىسى قۇلۇپلانغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۇرغىلى بولىدۇ.

 

سىرىنى ئېچىش : ئاللىقاچان قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئەمەلدىن قالغان

 

جاڭ دوڭجۈ : تېلفۇن پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، 112 ئارقىلىق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغىلى بولاتتى، ھەتتا تېلفۇن كارتىسى بولمىسىمۇ ئۇرغىلى بولاتتى. ھازىر بۇ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار تېلفۇنلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاپ بېرىلمەيدۇ.

 

تۆتىنچى ئىقتىدار : تېلفۇن ئارقىلىق ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىش

 

ئەسلى يازما : ماشىنا ئاچقۇچىنى ماشىنىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسىڭىز، زاپاس ئاچقۇچ يېنىڭىزدا بولمىسا، ئۆيىڭىزگە تېلفۇن بېرىپ، ئۆيدىكىلەرگە زاپاس ئاچقۇچنى ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتسىڭىزلا بولىدۇ. ھا... ھا.... چاقچاق قىلىپ قويدۇم.

 

بۇ چاغدا مۇنداق قىلىسىز، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ياكى بىرەر دوستىڭىزغا تېلفۇن ئۇرىسىز، ئاندىن تېلفۇنىڭىزنى ماشىنا ئىشىكىدىن بىرەر چى يىراقلىقتا تۇتۇپ تۇرىسىز، شۇ ۋاقىتتا ئۆيىڭىزدىكىلەر ياكى دوستىڭىز تىزگىنەكنى تېلفۇنغا توغرىلاپ قۇلۇپنى ئېچىش كونۇپكىسىنى باسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ماشىنىڭىز ئېچىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل قانچە يىراقتا بولسىڭىزمۇ ئىشلەيدۇ.

 

تەجىرىبە نەتىجىسى : ئىشىك قەتئىي ئېچىلمىدى.

 

سىرىنى ئېچىش : نەزىرىيە جەھەتتىن بۇ ئۇسۇل ئاقمايدۇ.

 

جاڭ دوڭجۈ : ماشىنا تىزگىنىكى بىلەن تېلفۇننىڭ سىگنال يەتكۈزۈش شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.  تېلفۇن ئاۋازنى ئالدى بىلەن رەقەملەشكەن دولقۇنغا ئايلاندۇرۇپ يوللاپ بېرىدۇ، بۇ ئەسلى ئاۋاز دولقۇنىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن يەنە بىر تەرەپتىكى تېلفۇندا ئاڭلىنىدۇ. ماشىنا تىزگىنىكى بولسا ئېلىكتر ماگنىت دولقۇنى چىقىرىدۇ، تېلفۇن بۇنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.

 

بەشىنچى ئىقتىدارى : يوشۇرۇن زاپاس باتارىيە

 

ئەسلى يازما : تېلفۇننىڭ توكى قالمىغاندا، *3370# (ئوڭدىن سولغا) نى باسسىڭىز، تېلفۇن قايتىدىن قوزغىلىدۇ، قوزغالغاندىن كېيىن تېلفۇننىڭ توكى %50 كۆپىيىدۇ.

 

جاڭ دوڭجۈ : ھەر قانداق تېلفۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر دانە ئۆزەك بولۇپ، تېلفۇننىڭ توك بېسىمى ئۆلچەپ تۇرىدۇ، ئەگەر تېلفۇندا توك تولۇق بولسا، توك بېسىمى 3.7 ۋولت بولىدۇ، 3.6 ۋولتقا چۈشكەندە ئىككى كاتەك ئازىيىدۇ، 3.4 ۋولت بولغاندا قۇرۇق بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. توك بېسىمى 3.4 ۋولتتىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە، تېلفۇن ئاپتوماتىك ئۆچىدۇ.

 

ئالتىنچى ئىقتىدار : تېلفۇن ئوغۇرلانسا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئارقىلىق قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ

 

ئەسلى يازما : بىر ئۇسۇل بىلەن تېلفۇننى ئوغرىدىن ساقلىغىلى بولىدۇ، يەنى تېلفۇننىڭ تەرتىپ نومۇرىنى كۆرۈش. ئەگەر تېلفۇنىڭىز تاساددىپى ئوغۇرلانسا، تېلفۇننى سېتىۋالغان دۇكانغا تېلفۇن بېرىپ، تېلفۇننىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئېنىقلىسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزگە ياردەملىشىپ تېلفۇننى چەكلەپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوغرى تېلفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىشلىتەلمەيدۇ. ئاۋىسترالىيەدە، ھەتتا ئوغۇرلانغان تېلفۇنلار ئامبىرى تەسىس قىلىنغان، ئەگەر تېلفۇنىڭىز تېپىلىپ قالسا، ساقچىلار سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

 

سىرىنى ئېچىش : تىجارەتچىلەر تېلفۇنىڭىزنى تاپالايدۇ، ئەمما تېپىپ بەرمەيدۇ.

 

"تېخنىكا جەھەتتىن ئىنتايىن ئوڭاي، شۇ تىجارەتچىنىڭ ياردەم قىلىش قىلماسلىقىغا قاراش كېرەك" جاڭ دوڭجۈ شۇنداق دەيدۇ، تېلفۇندا كارتا بولمىغان تەقدىردىمۇ، تېلفۇن ئېچىلغان ھامان بۇيرۇق چىقىرىپ، تەمىنلىگۈچى شىركەت ياكى تىجارەتچىگە يوللاپ بېرىدۇ، تېلفۇننىڭ تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا تېلفۇننىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن دۆلىتىمىزدە، تېلفۇننىڭ يوقاپ كېتىشى ئادەتتىكى ئىش، دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار بېرىپ تىجارەتچىدىن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلمىسىلا، تىجارەتچىلەر ئاساسەن ياردەم قىلمايدۇ.

 

نۆۋەتتە يەنە مۇنداق ئەھۋاللارمۇ بار، يەنى دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن تاغتۇرا تېلفۇنلار بىلەن سەمىمىيەتسىز زاۋۇتلار مەۋجۈد. بەلگىلىمە بويىچە، تېلفۇننىڭ تەرتىپ نومۇرىنى زاۋۇت تەرەپ سانائەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىغا بېرىپ سېتىۋالىدۇ، لېكىن بەزى زاۋۇتلار پۇلنى تېجەش ئۈچۈن 100 مىڭ دانە تېلفۇنغا 10 مىڭ تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، دېمەك، 10 تېلفۇن بىر نومۇرنى ئىشلىتىدۇ. بۇنى تېخنىكا جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئەمەس، شۇڭا تىجارەتچىلەرمۇ ئاسانلىقچە يوقالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان تېلفۇننى توختىتىۋەتمەيدۇ. بىر تېلفۇننىڭ تەرتىپ نومۇرىنى توختىتىۋەتسە، 10 تېلفۇن ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

 

( تەھرىر : ئاقيول تورى )

ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ

«كىيىنكى
ئالدىنقى»
كىيىنكى خەۋەر:تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر .
ئالدىنقى خەۋەر:WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن .
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرمۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزدىكى بەزى ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号