ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ ۋە ھال سوراپ بولغاندىن كېيىن، 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭغا قايتتى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 25- سېنتەبىر شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بارغانلار يېرىدە ئەلرايىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كۈز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. ھەر مىللەت ئامما چىرايلىق كىيىنىپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇزىتىپ قويدى. «ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير خوش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەشەككۈر» شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان چەكسىز تەشەككۈرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، رەئىس يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر بىلەن خوشلىشىش ئالدىدىكى ھېسسىياتىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
يۈ جېڭشېڭ ئۇزاتقىلى كەلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
ئايروپىلان ئوت ئالدى، يۈ جېڭشېڭ ئايروپىلان بۆلمىسى ئىشىكىدە ئۇزاققىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن خوشلاشتى.
شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر بىرلىكتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز