• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك چارىلەر بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-27 19:04:08
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتىalXئاقيول تور بىكىتى

       لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 24 – ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار ئۇنىۋېرسال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى نورمال ھالەت، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.alXئاقيول تور بىكىتى

       ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن 117 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1300 كىشى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپىنىڭ %29ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى كارخانىلىرىغا يېڭىدىن 110 مىڭ كىشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› تۈرلىرىدە 179 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان.alXئاقيول تور بىكىتى

       يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىغا ئەزا ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.alXئاقيول تور بىكىتى

       شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سىنتېشى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار يېڭى نورمال ھالەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىنچى ۋەزىپە›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.alXئاقيول تور بىكىتى

      شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بۇ يىل تۈرلەرنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايدىلا دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشنى نۇقتىلىق يۆلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ يەرلىكتىكى كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.alXئاقيول تور بىكىتى

    مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى
    alXئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز