ئامىر خان ۋە كاترىنا كايىف باش رول ئالغان فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى3» نىڭ ناخشىسى «Malang» («سەرسان مۇھەببەت») ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ بىلەن ئىشلەنگەن، ئەڭ قىممەت كىنو ناخشىسى. مەزكۇر ناخشىغا 50 مىليون رۇپىيە (790مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنغان. ناخشىدا مەخسۇس مۇشۇ ناخشا ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كەلگەن 200 سېرىك ئارتىسى رول ئالغان. ناخشا سۈرەتكە ئېلىنغان سەھنىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئاي كەتكەن، ناخشىنى سۈرەتكە ئېلىشقا 20 كۈن سەرپ قىلىنغان. ناخشا سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سېرىك ئۆمىكى كانادا «قۇياش سېرىك ئۆمىكى» نىڭ سېرىكچىلىرى ئىككى ئارتىسنى مەشىقلەندۈرگەن، ناخشىدىكى پۈتۈن ھەرىكەتلەر ھېچقانداق بىخەتەرلىك ۋاستىسى، بىخەتەرلىك تورى بولمىغان شارائىتتا ئورۇنلانغان.
بۇ ناخشىنى كومپوزىتور پرىتام ئىجاد قىلغان، ئۇ يەنە«ئۇچقۇر ئوغرى 1،2» نىڭ پۈتۈن ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلغان. ناخشا تېكىستىنى سامېر ئانجان يازغان.
ناخشا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھىندىستاندىكى رەت-تەرتىپ تاختىسىدا 8-ئورۇنغا چىققان، ئىككىنچى ھەپتىسى بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئوبزورچىلار ناخشىغا ئوخشاش بولمىغان باھالارنى بەرگەن، ناخشىدىكى سوفىچە پۇراقنى مەدھىيلىگەن.