«ئوم شانتى ئوم»،«يېڭى يىلغا مۇبارەك» قاتارلىق زور بېلەت كىرىمىلىك فىلىملەرنىڭ رېژىسسورى فارا خان تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كەسكىن يۈرۈش قىلدى، ئۇ يېڭىدىن تەسىس قىلغان تائام پروگراممىسى«Farah ki dawat» ھىندىستان تاماشا ساھەسىدە كۆپ دىققەت-ئېتىبار قوزغىدى. بۇ پروگراممىنىڭ ھەربىر قىسىمدا فارا خان بوللىۋودنىڭ ئەڭ داڭللىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. فارا خاننىڭ ئەزەلدىن بوللىۋودتىكى ئۈچ خان-شاھرۇھ، سالمان، ئامىرخان بولۇپمۇ شاھرۇھ خان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭدىن پروگراممىسىدا ئۈچ خاننى بىر يەرگە جەم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى. فاران خان بۇنىڭغا قارىتا شاھرۇھ خان، سالمان خان، ئامىرخان ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلىشنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
«مەن ئويلايمەن، ھەتتا تەڭرىمۇ بۇ ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭغا ئۇرۇنىشنىمۇ ئويلىمايمەن. مەن «ئوم شانتى ئوم»نىڭ باش ناخشىسىغا بارلىق چولپانلار يىغىلغان ۋاقىتتا ئۇلارنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان لېكىن ئۇ ئەمەلگە ئاشمىدى» لېكىن فارا خان يەنە مۆجىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان كىچىككىنە ئۈمىدىنى بايان قىلدى. «قېنى تەڭرىدىن تىلەپ باقايلى، ئەگەر مەن شاھرۇھ خان، سالمان خان، ئامىر خانلارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلەلىسەم، ئۇ بىر مۆجىزە بولىدۇ. ئېھتىماللىق ناھايىتى ئاز لېكىن بەلكىم بىر كۈنلەردە مەن تەلەيلىك بولسام بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن».
فارا خاننىڭ 2007-يىلىدىكى بازارلىق فىلىمى «ئوم شانتى ئوم » 42دا چولپان «مېھمان رول»ئالغان، باش ناخشا ئۆزىدە 30 چولپان كۆرۈلگەن. فارا خان ئەسلىدە باش ناخشىدا شاھرۇھ خان، سالمان، ئامىر خان ئۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تارىخ ياراتماقچى بولغان. لېكىن سالمان خان تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئامىر خان« فىلىمدە شاھرۇھ خان باش رول ئالغان شارائىتتا كىچىك رول ئالمايمەن» دېگەن سەۋەب بىلەن فارا خاننىڭ تەلىپىىنى رەت قىلغان.
فىلم مەستانىلىرى ۋە فىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان يېرى بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى بۇ ئۈچ چولپان ھازىرغىچە بىر فىلىمدە ھەمكارلىشىپ باقمىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا شاھرۇھ خان بىلەن سالمان بىرقانچە قېتىم بىرلىكتە كىنو ئىشلەپ باققان، لېكىن ئامىر خان بىلەن شاھرۇھ خان تا ھازىرغىچە بىرەر فىلىمدە ھەمكارلىشىپ باقمىدى. ئىلگىرىكى شاھرۇھ خان ئامىر خاننىڭ تاغىسى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «جوش» تا باش رول ئالغان، بۇ چاغدا ئامىر خاننىڭ تاغىسى ئامىر خاننى فىلىمدە «مېھمان رول»ئېلىپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئامىرخان يەنە «فىلىمدە شاھرۇھ خان باش رول ئالغان شارائىتتا كىچىك رول ئالمايمەن» دەپ تاغىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
2008-يىلى ئىشلەنگەن نۇرغۇن چولپانلار «مېھمان رول» ئالغان فىلىمنىڭ ئارتىسلار تىزىملىكىدە شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خان ئاخىرى بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئامىرخان فىلىم ئىچىدىكى فىلىمدە رول ئالغان، شاھرۇھ خان ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىدە «مېھان رول» ئالغان بولۇپ ئىككىلىسىنىڭ ئالغان رولىنڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ھەم يۈزلەشمەيدۇ.