سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، پورسچې رەسمىي تۈردە Cayman GT4 ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلدى، بۇ 3.8L لىق گورزىنتال ئۇدۇل قويۇلغان ماتۇر سەپلەنگەن ئاپتوموبىل ھازىرقى Cayman سەپنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئاپتوموبىل بولىدىكەن.
Cayman GT4 غا يېڭى ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئايرودىنامىكا يۈرۈشكۈك دېتاللىرى سەپلەنگەن، ئۇنىڭغا يېڭى شەكىلدىكى ئالدى بىخەتەرلىك لىمى بىلەن كەينى بىخەتەرلىك لىمى قوشۇلغان، ئۇنىڭغا يەنە چوڭ ئۆلچەملىك كەينى ھاۋا سۈمۈرۈش تاختىسى سەپلەنگەن بولۇپ، سېرىق رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ماسلىشىپ ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ھەرىكەتچان كۆرسەتكەن.
Cayman GT4 نىڭ ئاسما جازىسىغا قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 30mm تۆۋەنلىتىلگەن. بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە ئۆلچىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان تورمۇزلاش دىسكىسى سەپلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، Cayman GT4 غا بىر 3.8L لىق ماتۇر سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى385 ئات كۈچى، بۇ ماتور بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ئۆزگەرتىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە سائىتىگە 96 كىلومېتىرغا چىقىشى ئۈچۈن 4.2 سىكۇنت كېتىدىكەن، ئەڭ تېز سۈرئىتى 293km/h غا بارىدىغان بولۇپ، بۇ نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ مۇسابىقە ئۈچۈن يارالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال