2012-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ۋېتنىي خيۇستون لوس ئانژېلېستا 48 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ بېۋېرلىي ھېلتون مېھمانخانىسىنىڭ 4-قەۋىتىدە ۋاپات بولغان. ئۇ 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى ئەڭ داڭلىق 100 ناخشىچى رېتىدە 34-ئورۇندا تۇرغان، گرەممىي ئەڭ ياخشى ئايال ناخشىچى، ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ياۋروپا ئامېرىكا ناخشا ساھەسىدىكى تۆت چوڭ خانىشنىڭ بىرسى، ئۇنىڭ دۇنياغا داڭلىق ۋەكىل خارەكتىرلىك ناخشىلىرىدىن «قوغدىغۇچى» ناملىق فىلىمدىكى I Will Always Love You سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن قاتارلىق ناخشىلىرى بار.
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «بايقاش» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئالەمگە چىقىپ،«خاببېل» ئالەم تېلىكسوپىنى ياسىغان. «خاببېل» ئالەم تېلىكسوپى ئالەمدە يەتتە يىل ئۇچقان. ياساش خىزمىتى بەش كۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا «خاببېل» ئالەم تېلىكسوپىنى قويۇپ بەرگەن يەتتە يىلدىن بۇيان، 20 نەچچە دۆلەتنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئالىمى بۇ ئالەم كۆزى ئارقىلىق ئالەمنى 110 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆزەتكەن.
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ماندېلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان. 23 يېشىدا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىككى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1950-يىلى ماندېلا ئافرىقا ئەللىرى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962-يىلى 11-ئايدا ماندېلا «ئىش تاشلاشقا كۈچكۈرتكەن»،«قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئايلانغان.
1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ماگىرىت ساچىر ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماگىرىت ساچىر خانىم 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى، ئىجتىمائىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1979-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان. 1983-يىلى سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىپ، ئۇدا باش ۋەزىر بولغان.
1936-يىلى چارلىز چاپلىننىڭ داڭلىق ئىجادىيىتى«مودا دەۋر» لوندۇندا قويۇلغان. 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا قىزىقچى ئۇستىسى چارلىز چاپلىن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە، شىۋېتسارىيەدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. چارلىز چاپلىن پۈتۈن ھاياتىنى كىنو سەنئىتىگە بېغىشلىغان، 1889-يىلى چارلىز چاپلىن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى كەمبەغەللەر رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئارتىس ئىدى. دادىسى بالدۇر قازا قىلغان، ئاپىسىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولغاچقا، چارلىز چاپلىن كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1913-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپ، كىنو ئىشلەش ھاياتىنى باشلىغان. چارلىز چاپلىن 1914-يىلى ئىشلىگەن «ۋېنىتسىيەدىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى» دا ياراتقان ئوبرازى ئارقىلىق، 70 يىللىق سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 80 نەچچە فىلىم ئىشلىگەن. چارلىز چاپلىن ئامېرىكىدا 40 نەچچە يىل تۇرغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا مىكارسى ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1952-يىلى ئۇ بۇ ئۆچمەنلىك بىلەن ئايالى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەن.
1847-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون ئوخايو شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن.1931-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىلىق داڭلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى توماس ئېدىسون 84 يېشىدا ۋاپات بولغان. دۇنيا خەلقىگە چىراق، فاتىفون، كىنو قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق كەشپىياتنى تەقدىم قىلغان بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچى سەھەر سائەت ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۇيقۇدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ كەمسۆز، ئەدەپلىك بولۇپ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەندە مەكتەپكە كىرىدۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى«ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بالا» دەپ مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىدۇ، شۇندىن كېيىن ئاپىسى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. ئېدىسون 11 ياشقا كىرگەندە تېلېگرامما تەجىربىسىنى قىلىدۇ. تەجرىبە جەريانىدا بىر قىسىم خىمىيىلىك دورىلارنى سېتىۋىلىشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ئۇ 12 ياشتا پويىزدا گېزىت ساتقۇچى بولىدۇ. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئۇ يىغقان پۇللىرىغا پويىزدا بىر كىچىك تەجىربىخانا قۇرىدۇ. لېكىن كۈتۈلمىگەندە بىر قېتىملىق تەجىربىدە پويىزغا ئوت كېتىدۇ، بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن پويىز خىزمەتچىسى ئېدىسوننىڭ قۇلاق تۈۋىگە قاتتىق ئۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئېدىسون گاس بولۇپ قالىدۇ. 1968-يىلى ئېدىسون تۇنجى قېتىم ئېلىكتىرلىك خاتىرىلىگۈچ كەشىپ قىلىدۇ، كېيىن تېلېگرافنى كەشىپ قىلىدۇ. 1877-يىلى كاربونلۇق تېلېفون مىكروفوننى، كېيىن فاتىفوننى كەشىپ قىلىدۇ. 1879-يىلى ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئېدىسون ئۆمرىدە 2000 خىلدىن ئارتۇق كەشپىيات يارىتىپ، 1099 خىل كەشپىياتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.