2009-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ قوشۇمچە بىناسىغا ئوت كەتكەن. ئالتە سائەت داۋاملاشقان ئوتتا بىر ئادەم قازا قىلغان، يەتتە ئادەم يارىلانغان. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 12 گۇماندار قولغا ئېلىنغان، ئوت كېتىش سەۋەبى خەتەرلىك بۇيۇملار پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئەنگلىيەدە پارتلاش بولدى. شۇ كۈنى، ئېرلاندىيە 17 ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ توختىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇ كۈنى يەنە لوندون شەھىرىدە ئاپتوموبىل پارتلاپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، ئىككى ئادەم ئۆلدى. ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتتى. شىمالىي ئېرلاندىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى يامانلىشىشقا باشلىدى، 10-فېۋرال ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى يۇقىرىدىكى پارتلاشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باھالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»-جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋىست مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دوكلات مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ گېنى يۆتكەلگەن قوي تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. شاڭخەي فېڭشىن ھايۋاناتلار تەجىربە مەيدانىدا، باشقا ئۆچكىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۆچكە بار. بۇ ئۆچكە ئاجرىتىپ چىقارغان سۈتتە قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كېرەكلىك بولغان قاننى ئۇيۇشتۇرغۇچى IXئاقسىلى بار. بۇ خىل ئاقسىل ئالاھىدە ئايرىپ چىقىش ئارقىلىق قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالايدىغان دورا ياسىغىلى بولىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ گېن يۆتكەش تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.