• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-12 12:13:03
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى بارغانسېرى قىسقا بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بىراك قىلىنغان ھەر خىل تىپتىكى كومپيۇتېر، يان تېلېفون، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
      نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلى يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ئېلېكتىرون ئەخلەتلەر %18لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا مۇھىت تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، 2017 - يىلىغا بارغاندا، يەر شارىدا ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 65 مىليارد 400 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
      تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىكەن. ئادەتتە بىراك قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تەركىبىدىكى قىممەت مېتاللارنىڭ مىقدارى كۆپىنچە ھاللاردا مېتال رۇدىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن: بىر توننا توك يولى تاختىسى تەركىبىدىكى ئالتۇن مىقدارى بىر توننا ئالتۇن رۇدىسىنىڭكىگە قارىغاندا 800 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، بىر توننا كېرەكسىز تور تاختىسىدىن 400 گىرام سېرىق ئالتۇن، 200 كىلوگىرام مىس ۋە 500 گىرام باشقا قىممەتلىك مېتاللارنى ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ.
      ھازىر دۆلىتىمىزدىمۇ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار قۇرۇلدى. گەرچە مەملىكىتىمىز ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، شۇنداقلا خەلقئارالىق كېلىشىم −− «بازېل ئەھدىنامىسى»دە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە زىيانلىق كېرەكسىز بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا %70تىن ئارتۇق ئېلېكتىرون ئەخلەت ئېلىمىزدە تۆكمە قىلىنىپ سېتىلماقتا.
      يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇنداق مېتال تاۋلاش ئۇسۇلى مېتال رۇدىلىرىنى تاۋلاشقا قارىغاندا كۆپ ئەرزان، ئەمەلىيەتتە، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا زەھەرلىك گاز ۋە زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ھاۋا، سۇ، تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. 
    نۆۋەتتە ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قەغەز ياساش، ياسىمىچىلىق، گۈل بېسىش ۋە بوياش قاتارلىق ساھەلەر پەيدا قىلغان بۇلغىنىشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر يېڭى تىپتىكى مۇھىت بۇلغىغۇچى قاتىلغا ئايلىنىپ قالدى.
      ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خەۋپنى ئېلىپ كېلىدۇ
      1. ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش.
      ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ تەركىبىدە سىماب، قوغۇشۇن، كادمىي، خىروم قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىر مېتاللار بولۇپ، بۇنداق ئېغىر مېتاللار ئادەتتە ناھايىتى تەستە ئېرىيدۇ. ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئېغىر مېتاللار تۇپراق ياكى سۇ مەنبەسى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، بەدەندىكى ئاقسىل ۋە ئېنزىملار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاقسىل بىلەن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى يوقىلىدۇ، ھەتتا بەزى ئېغىر مېتاللار بەدەندىكى مەلۇم ئەزالارغا توپلىشىۋالىدۇ، ناۋادا بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېغىر مېتاللاردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      2. تاشلاندۇق پىلاستىك ماتېرىياللاردىن بۇلغىنىش.
      ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنىڭ سىرتقى قىسمى كۆپ خىل پىلاستىك ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ، بۇنداق ماتېرىياللار ئادەتتە ئاسان پارچىلانمايدىغان بولغاچقا، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر يەرگە ياكى سۇ مەنبەسىگە تاشلىۋېتىلگەن ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى ھايۋاناتلار بىلىپ - بىلمەي يەپ سالسا، ھايۋاناتلار زەھەرلىنىپ قالىدۇ؛ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى يەرگە كۆمۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ تۇپراق سۈپىتى ۋە تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا تەسىركۆرسىتىپ، تۇپراق ماددىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ؛ ئەگەر ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى بىۋاسىتە كۆيدۈرگەندە، ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە چىققان زىيانلىق گازلار ھاۋانى بۇلغايدۇ.
      3. خىمىيەلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش. 
      ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىدىكى ھەر خىل كۆيۈشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچى ماددىلار، ئېرىتكۈچى قاتارلىقلار ئادەتتە خىمىيەلىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بەزى خىمىيەلىك دورىلار تەبىئىي زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بەزىلىرى ھەتتا ئادەم بەدىنىدە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزىلىرى كۆيۈشچانلىققا ئىگە.
      4. باشقا بۇلغىنىش.
      كاربون ئۇۋاقچىلىرى، سىرتقى ئورالما قاپقا ئوخشاش مۇھىت بۇلغاشچانلىقى ئېنىق بولمىغان ماددىلارنى يەنىلا سىستېمىلىق يىغىۋېلىپ، قايتا پايدىلىنىش كېرەك.
      ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن ئېغىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى، ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى پەيدا قىلغان خەۋپلەر مەملىكىتىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ھەتتا بەزى جايلاردا كىشىلەرنىڭ راك قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، شۇڭا ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىگە سەل قارىماسلىق لازىم. 
      ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى قايتا يىغىۋېلىش جەھەتتە ئاللىقاچان بىر يۈرۈش ئۇسۇل، تۈزۈم ۋە تەجرىبىلەر بارلىققا كەلدى، مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ئاساستا قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن. شۇڭا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى 2014 - يىلى ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇ تۈر مەملىكىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرون ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تېخنىك ئۆلچىمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەستە پارچىلىنىدىغان ئورگانىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.KV4ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز