• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • 3000 مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغۇسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-05 17:01:00
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دۇڭ شياۋخۇاREiئاقيول تور بىكىتى

       ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇش ئۆيى دېھقانلارنى تېز مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان مۇھىم تۈردۇر. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1500 ئىسسىق شامالدا ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنى يولغا قويۇپ، 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۆرۈك قېقى قۇرۇتۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى 68 مىڭ ئادەم / قېتىم يۆتكەپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3000نى يېڭىدىن سېلىپ، قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.REiئاقيول تور بىكىتى

       بۇ يىل سېلىنىدىغان ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى بۇلتۇرقىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ مەبلەغ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ مۇخبىر يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى ۋە توڭ ساقلاش ئامبىرى تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭنى زىيارەت قىلدى.REiئاقيول تور بىكىتى

       مۇخبىر: بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا 3000 ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىش تۈرى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ؟REiئاقيول تور بىكىتى

       جۇ گاڭ: بۇ يىلقى تۈرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قۇرۇتۇش ئۆيى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەر بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       بۇلتۇر ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1500 قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنغان، بۇ يىل ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا 3000 قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنىپ، قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىسسىق شامالدا ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بەش قۇرۇتۇش ئۆيىگە يانداش ھالدا بىر توڭلىتىش ئىسكىلاتى سېلىش پىرىنسىپى بويىچە 50 توننىلىق بىرىكمە توڭ ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 1000ى سېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 27 ناھىيەدە يولغا قويۇلىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇرۇتۇش ئۆيى جەمئىي 4617گە، ئۆرۈك قۇرۇتۇش مىقدارى بىر تۈركۈمدە 14 مىڭ توننىغا، توڭ ساقلاش ئىسكىلاتى 1100غا، يېڭى ساقلاش مىقدارى 55 مىڭ توننىغا يېتىپ، كېيىنكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلقى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى تۈرىدە قانداق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى؟REiئاقيول تور بىكىتى

       جۇ گاڭ: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانا قاتارلىق 26 ئورۇندىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس تۈر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىمۇ ماس ھالدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر ئاپتونوم رايون تۈر ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تۈرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇردى، قەشقەر شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەردىمۇ خېرىدار چاقىرىش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، تۈرلەر يولغا قويۇلغان ناھىيە، شەھەر، يېزىلاردىمۇ سەپەرۋەر قىلىش، تىزىملاش، پۇل تاپشۇرۇش، ئورۇن تاللاش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى، يېزا – بازارلارنىڭ مەسئۇللىرى نۇقتىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى يەر، سۇ، توك مەسىلىلىرىنى پائال ھەل قىلدى.REiئاقيول تور بىكىتى

       مۇخبىر: بۇ يىلقى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنىڭ مەبلەغ ئەھۋالى قانداق بولدى؟REiئاقيول تور بىكىتى

       جۇ گاڭ: بۇ تۈرگە ئاجرىتىلغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تۈر قۇرۇلۇشى بويىچە تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈر يولغا قويۇلىدىغان ناھىيە، شەھەر مالىيەسىگە بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ بەردى. 360 مىليون يۈەننىڭ 225 مىليون يۈەنى 3000 ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىغا، 130 مىليون يۈەنى 1000 ئىسكىلات قۇرۇلۇشىغا، 5 مىليون يۈەنى تەربىيەلەش خىراجىتىگە ئاجرىتىلدى، تەربىيەلەش خىراجىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ 30 ناھىيە، شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك خادىملاردىن 220 مىڭ ئادەم / قېتىمنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       مۇخبىر: ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سان – سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟REiئاقيول تور بىكىتى

       جۇ گاڭ: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرنىڭ سان – سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       بىرىنچى، تۈرگە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تۈر يولغا قويۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست ياكى ناھىيە، شەھەرلەردە تۈرگە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈرنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا كۈچى زور، ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى، مۇلازىمىتى ياخشى، قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىلار قاتناشتۇرۇلۇپ، سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       ئىككىنچى، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تۈرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك تۈر ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى بىلەن دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئالغانلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدۇ، سۈپەت تەلىپىگە يەتمىگەنلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىلىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

       ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بىرى پۈتسە بىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىرى لاياقەتلىك بولسا بىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، ئاخىرقى ئۆتكەلدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈر ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، پۈتكەن تۈر قۇرۇلۇشىغا قارىتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىمزاسى قويۇلۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا كاۋاك بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.REiئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز