• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-10 19:22:52
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

      9-ئاپرېل «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، تاماشىبىنلار تاختا كومپيۇتېردا ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق تور ھەرىكىتىگە ئاتلاندى6j6ئاقيول تور بىكىتى

      مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى −− «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» 9 - ئاپرېل سانجى شەھىرىدە باشلاندى.6j6ئاقيول تور بىكىتى

      بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلىشنى، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى باشلامچىلىق قىلىشنى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى مەسئۇل بولۇشنى، شىنجاڭدىكى تاراتقۇلار ھەمكارلىشىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى يەنە بىر مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايون «ۋەتەنگە بېغىشلانغان 10 مىڭ ھېكايە»، «يەكەن دەرياسى سىزگە مۇنداق دەيدۇ: چاغاندا چىلان سوۋغا قىلسا قۇتلۇق بولىدۇ» قاتارلىق بىر قاتار تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.6j6ئاقيول تور بىكىتى

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن نەق مەيداندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تورنى تەڭشەش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ماس كېلىدىغان يۈرۈشلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ ۋە ئۆتكۈزۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىشى؛ تور ئىدىيەۋى مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تور مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىشى؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەپەرۋەرلىك قىلغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.6j6ئاقيول تور بىكىتى

      «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى 7 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سەھىپە ئاچىدۇ. «سانجى سەھىپىسى»دە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى ۋە خىزمىتى ئارقىلىق، ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئۆزئارا ئىناقلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. «ئىلى سەھىپىسى»دە ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىلىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ «قەشقەر سەھىپىسى»دە «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدىكى زور تارىخىي پۇرسەتتىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ سەرخىل كۆرۈنۈشلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ ... ئاددىي كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ خۇشاللىقى، غەزەپ - نەپرىتى، غەم - قايغۇسى ۋە خاتىرجەملىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالى نامايان قىلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۈپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىدۇ.6j6ئاقيول تور بىكىتى

      «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتىدە، logo يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان تاپان ئىزلىرى لايىھەلىنىپ، ئاپتونوم رايون بېسىپ ئۆتكەن 60 يىللىق مۇساپە ھەم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى قەدەم ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ تۆۋەندىكى e ھەم تورنى، ھەم 60 يىلدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر دەۋرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ بەش چېكىتكە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بەش ھالقىنىڭ رەڭگى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.6j6ئاقيول تور بىكىتى

      9 - ئاپرېل 2014 - يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇنلار تەقدىرلەندى.6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى


    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    6j6ئاقيول تور بىكىتى

    مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى 6j6ئاقيول تور بىكىتى

    http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-04/10/content_413791.htm6j6ئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز