• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جاڭ چۈنشيەن مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالتە ھالقىلىق نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-12 12:10:40
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 8 - ماي ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق ئالتە نۇقتىدىن سۆز قىلدى: 

      بىرىنچى، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ نېگىزى ۋە يادروسى دەل مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بويىچە ھەل قىلىشتەك توغرا يولدا چوقۇم تەرەنمەي مېڭىش، مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن ئومۇمىي خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن دىن خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ماددىي كۈچ بىلەن مەنىۋى كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىل ئىجرا قىلىش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش لازىم.

      ئىككىنچى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تارىخىي قانۇنىيەت بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى − مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر، بۇ بىر تەبىئىي تارىخىي جەريان. شۇڭا، ھەم مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى نەزەرگە ئالماي، ئۇنى مەمۇرىي ۋاسىتە بىلەن مەجبۇرىي كېڭەيتىشكە، ھەم مىللەتلەرنىڭ ئورتاقلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، يېتەكلەشتىن ۋاز كېچىشكىمۇ بولمايدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش، خىزمەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىدا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپلا بىللە ئويناش، بىللە ئوقۇش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتى يارىتىش، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ماس ھالدا كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

      ئۈچىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە نېگىزلىك مەسىلە − مەدەنىيەت تونۇشىنى كۈچەيتىش، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روھى. ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت، كۆپ دىن ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت رايونى، مەدەنىيەتلەرنى تونۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم ۋە ھالقىلىق ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ئىچكى تونۇشنى كۈچەيتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت تاۋارلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق ئۇنى قىسىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇنى توسۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى چەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

      تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ھالقىما تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە نامراتلارنى يۆلەشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. 

      بەشىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش − شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ نامايەندىسى ۋە تەلىپى، ھەر قايسى مىللەتلەر بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ۋە ئەمەل قىلىدىغان مەجبۇرىيەتتە باراۋەر بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا مىللەت ئامىللىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مىللەت ئامىللىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار مەسىلىلىرىنى ھەم ئادەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاددىي ھالدا مىللىي مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈۋالماسلىق كېرەك. ئومۇمەن، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قايسى مىللەتكە، قايسى دىنغا چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

      ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مىللەتلەر سىياسىتىنى چۈشىنىدىغان - چۈشەنمەيدىغانلىقى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلىيەلەيدىغان - ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، ئادەمنى ياخشى تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدىغان، خەۋپ - خەتەرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.1MJئاقيول تور بىكىتى

    مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز1MJئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز