• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-04-15 11:12:21
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغىlN2ئاقيول تور بىكىتى

    ئېلىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت. بۇ مىللەتلەر يۈننەن، گۇاڭشى، سىچۈەن، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەممىسى بۈيۈك جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ۋە مۇنەۋۋەر ئەزاسىدۇر. ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا، ‹‹چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكى›› بويىچە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگەن؛ بۇ جايلاردىكى مىللەتلەر تەركىبىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياكى كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تەقەززا قىلغان.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       ئاپتونوم رايونىمىز جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، مىللەت تەركىبى، تىل – يېزىقى كۆپ، مىللىي مەدەنىيەت شەكلى رەڭگارەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ ئالاھىدىلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. شۇڭا، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يۇكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جەزمەن ياخشىلاپ، شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى قوغداشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئىلھاملاندۇرغان. يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹مەملىكەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزنىڭ جەزمەن غەلىبە قازىنىدىغانلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى›› دەپ كۆرسەتكەن. يولداش جياڭ زېمىن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: ‹‹ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەر بىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر مىللەت خەلقى باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك›› دەپ كۆرسەتكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك›› دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. دېمەك، بۇ ئۈچ رەھبەرنىڭ ئۈزۈندىسىدىن ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىلمىي خۇلاسىسىنى، ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەسىنى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى كۆرۈۋالالايمىز.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قويغان سەمىمىي تەلىپى ۋە ئۇلاردىن كۈتكەن يۈكسەك ئۈمىدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئىتىدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىقتىن ئىبارەت. بۇ ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئەمەلىيىتىدىن چىقىرىلغان ئىلمىي يەكۈن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنىڭ نېگىزى ۋەتەننىڭ بىرلىكىدە ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇش؛ بىرلىك ئاساس، ئىتتىپاقلىق كۈچ، ھەمكارلىق غەلىبە، ئىشەنچ نەتىجە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى. ئىدىيەۋى مەنبەسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ پارتىيەمىز ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنىڭ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       بىرىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ئېلىمىزدىكى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئىزھارى ۋە شانلىق ئوبرازى. بۇ بۈيۈك ئىدىيەدە يالغۇز ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھايات – ماماتتا بىللە بولۇش، شەرەپ – نومۇستا ئورتاقلىشىش ئىرادىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىلا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ قالماي، يەنە ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنتايىن توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىن باشلاپ ئېلىمىز جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئېچىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۇلۇغ ئىشىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان، ئاخىرىدا ‹‹ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان›› يېقىن مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ئېلىمىزنىڭ سىياسىي شارائىتى بەلگىلىگەن. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل جاپالىق كۈرەشلەرنى قىلىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ، ئاخىرىدا ۋەتەننى مۇستەقىللىققە، مىللەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىكتە قۇردى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلغانلىقى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قان بىلەن گۆشتەك بىرىككەنلىكى ۋە بىرلىكتە كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللىي ئېزىش تۈزۈمى ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشتى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. شۇنداق ئېيتىش كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن شەرت – شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسا، ئىنقىلابىي ھەرىكەت تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا ئاساس سېلىپ بەردى. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا چوڭ دائىرىدە ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك تارقىلىش – ماكانلىشىش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر جۇغراپىيە جەھەتتىن مۇنداق تارقىلىشتەك ئوبيېكتىپ ئەھۋال سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي يوسۇندا زىچ ئالاقىنىڭ بولۇشىنى، داۋاملىق ئارىلىشىش، ئالاقە قىلىش مابەينىدە بىر – بىرىنى قوللاش ۋە بىر – بىرىگە تايىنىشنى، ئورتاق گۈللىنىشنى، ‹‹ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالماسلىق››نى بەلگىلىگەن.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ بۈيۈكلۈكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكى بەلگىلىگەن. مەيلى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتايلى، مەيلى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتايلى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپقاندىلا، ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە بولىدۇ، تېخىمۇ ياخشى شارائىت ۋە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       بەشىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتى بەلگىلىگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى ۋە ئۆزئارا قوبۇل قىلىشى ئارقىسىدا تەدرىجىي ھالدا مول مەزمۇنلۇق – رەڭدار مىللىي مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن. مانا بۇ كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى. ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئازدۇر – كۆپتۇر بولۇشى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يېقىدىن ‹‹ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالماسلىق›› مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن.lN2ئاقيول تور بىكىتى

       ئالتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قۇتراتقۇلۇقىنى بىتچىت قىلىش ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى يېتىم قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بەلگىلىگەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما مەيلى ئۇلار ئىنكار قىلسۇن ياكى گۇمانلانسۇن، ‹‹ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالماسلىق››تىن ئىبارەت بۇ ئوبيېكتىپ پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ. جۇڭگودىكى مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندۇرىدىغانلا بولسا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، دۆلەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق بېيىش، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تەلىپى.lN2ئاقيول تور بىكىتى

    تەڭرىتاغ تورىدىن ئىلىندىlN2ئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز