1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، شال گېن گۇرۇپپىسىنىڭ فىزىكىلىق گرافىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئېلىمىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىسى. ئېلىمىز پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ گېن تەتقىقات ئورنى ئۈچ يىل تىرىشىپ، شالنىڭ 12-خىروموسۇمىدىكى BAC ئامبىرى ئارقىلىق بۇ گرافىكنى سىزىپ چىققان. بۇ شالنىڭ ئېرسىي ئۇچۇرىنىڭ سىرىنى بىلىش ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.
vE2ئاقيول تور بىكىتى 1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ژۇرنىلى دېڭ شياۋپىڭنى شۇ يىللىق تۇنجى ساننىڭ مۇقاۋىسىغا چىقارغان. «دەۋر» ژۇرنىلى ھەر يىلى يىلنىڭ بېشىدا ئالدىنقى يىلدىكى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن شەخسنى تۇنجى ساننىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىراتتى. «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەھرىرى مۇنداق دېگەن: دېڭ شياۋپىڭنىڭ مۇقاۋىغا چىقىشىدا بىر قانچە سەۋەب بار: ئۇ جۇڭگودا يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسنىڭ 1/4 نىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. بۇ ئۆزگىرىش دۇنيادىكى باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ۋە 3-دۇنيا ئەللىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
vE2ئاقيول تور بىكىتىvE2ئاقيول تور بىكىتى
vE2ئاقيول تور بىكىتى 1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيە خەلقى ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى بېلەت تاشلاپ قوللىغان. 1961-يىلى 6-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە، %70 تىن ئارتۇق فرانسىيەلىك ئالجىرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئالجىرىيەنىڭ قاچاق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كۆپلىگەن سولچىللار بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. %40 دىن ئارتۇق ئالجىرىيەلىك سايلامغا قاتناشمىغان.
vE2ئاقيول تور بىكىتى 1884-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھازىرقى زامان ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مېندېل ۋاپات بولغان. مېندېل ئاۋستىرىيەلىك بىئولوگىيە ئالىمى، 1822-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ بۇرۇن پوپ بولغان، لېكىن ئۇنىڭ تەتقىقات ئىلمى نەتىجىسى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. مېندېل 1865-يىلى داڭلىق ئېرسىيەت قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ئىلىم پەن ساھەسىنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىمىغان، 1884-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مېندېل ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىمۇ بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. 16 يىلدىن كېيىن يەنى 1900-يىلى، ئۈچ ئالىم مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىيىتىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن مېندېلنىڭ قانۇنىيىتى دۇنيادا نەتىجە قازىنىشقا باشلىغان. مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىيىتى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىرى: ئايرىلىش قانۇنىيىتى، يەنە بىرى:مۇستەقىل بىرىكىش قانۇنىيىتى.
vE2ئاقيول تور بىكىتى
vE2ئاقيول تور بىكىتىvE2ئاقيول تور بىكىتى