• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-15 16:48:16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇ ئېنلەي چاۋشيەنگە زىيارەتكە بارغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. چاۋشيەن ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ چېكىنىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىراق ئامېرىكىنىڭ رەت قىلغان. جۇ ئېنلەينىڭ چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشتىكى مەقسىتى دەل ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى 1958-يىلىدىن بۇرۇن بارلىق ئەسكەرلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە چاۋشيەندىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان.0HKئاقيول تور بىكىتى

        1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق ئەرەب بىرلەشمە فېدىراتسىيەسى قۇرۇلغان. 1958-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىسىر بىلەن سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېڭى فېدىراتسىيە قۇرماقچى بولدى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىراق پادىشاھى بىلەن ئىئوردانىيە پادىشاھى بىرلىشىپ«ئەرەب فېدىراتسىيەسى» قۇرغان.0HKئاقيول تور بىكىتى

        1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى كومپيوتىر دۇنياغا كەلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالىملاردىن زەمبىرەك يولىنى ھېسابلاشنى مەقسەت قىلغان ھېسابلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ماشىنىغا 18 مىڭ 800 ۋاكۇئۇم لامپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15.24 مېتىر، كەڭلىكى توققۇز مېتىر ئەتراپىدا. ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدۇ، بۇ ئالتە پىلنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ، سىكۇنتىغا 5000 قېتىم ھېسابلىيالايدۇ، بۇ ماشىنا توققۇز يىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، توك سەرپىياتى بەك چوڭ.0HKئاقيول تور بىكىتى


    0HKئاقيول تور بىكىتى

    0HKئاقيول تور بىكىتى

        بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى. ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار. بۇ بايرام ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈندە رىمدىكى دىنىي مۇرت ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلگەن. مىلادى 3-ئەسىردە، رىمنىڭ ئىقتىسادى زاۋاللىشىپ، ھۆكۈمرانلىق چىرىكلەشكەن، جەمئىيەت مۇقىم بولمىغان، كىشىلەر قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان، ئاق سۆڭەكلەر خەلقنى ۋە خىرىستىيان دىنى مۇرتلىرىنى باستۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەلىنتاين ئىسىملىك بىر كىشىمۇ تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇ تۈرمىدە تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مۇھەببىتى تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ۋەلىنتاين ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قىزغا خەت يازىدۇ، خېتىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقى ۋە قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلىدۇ، خىرىستىيان مۇرتلىرى ۋەلىنتايننىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان روھىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ كۈننى ئاشۇق مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.0HKئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز