• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-12 13:50:06
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     2012-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 21-نۆۋەتلىك كۇبا خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا ئېچىلغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 130 دىن ئارتۇق نەشرىياتنىڭ ۋەكىللىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان. كۇبا خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى 1982-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە كۇبادا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى بولۇپ قالدى.Vzrئاقيول تور بىكىتى

        2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىگە سوقۇلغان. بېلىقچىلىق كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ، كېمىدىكى 35 كىشىنىڭ ھەممىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىش توغرىلىق ياپونىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى. ياپونىيە مۇنداق دېگەن: ئەگەر بۇ ئىش ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەھتىد يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ياپونىيە خەلقىنىڭمۇ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى.Vzrئاقيول تور بىكىتى

        1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز نېگىرىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. نېگىرىيە ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئېنگلىز تىلى دۆلەت تىلى قىلىنغان. نېگىرىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت. نېگىرىيە 1472-يىلى پورتىگالىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە، 1914-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان. 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان.Vzrئاقيول تور بىكىتى

        1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ميۇنخېندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ سەككىز ئەزاسى قازا قىلغان. مانچېستىر كوماندىسى يۇگۇسلاۋىيەدە ياۋروپا پۇتبۇل لوڭقىسى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئويناش سالاھىيىتىگە كىرگەن. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە ميۇنخېندا قونغان، ئىككى قېتىم ئۇچۇش غەلبىلىك بولمىغان، 3-قېتىم ئۇچقاندا ئايروپىلان ۋەقەسى چىققان.Vzrئاقيول تور بىكىتى


    Vzrئاقيول تور بىكىتى

    Vzrئاقيول تور بىكىتى

    Vzrئاقيول تور بىكىتى

        1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېللىيام كونراد رېنتىگىن ميۇنخېندا ئالەمدىن ئۆتكەن. 1896-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېرلىن فىزىكا ئىلمى يىغىنىدا رېنتىگىن نۇرىنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان، بۇنىڭ بىلەن رېنتىگىن نۇرى ئاشكارىلانغان. بۇ ئۇلۇغ بايقاش تېزلا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. رېنتىگىن نۇرىنى گېرمانىيەنىڭ فىزىكا ئالىمى ۋېللىيام كونراد رېنتىگىن تەجىربە ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان. رېنتىگىن 1845-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لېننېپ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. زۇرىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1888-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنۋېرسىتېتتا فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىسورى بولغان. 1901-يىلى تۇنجى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.Vzrئاقيول تور بىكىتى


    Vzrئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز