1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا موسكۋانىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كات سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 20-فېۋرالدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى، بولمىسا موسكۋانىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ساچېر خانىممۇ ئەنگلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
1945-يىلى تىنچ ئوكيان گۈڭگۈرت ئارىلى ئۇرۇشى باشلانغان. گۈڭگۈرت ئارىلى ياپونىيەدە بولۇپ، ئامېرىكا بەش كۈندىلا بۇ ئارالنى ئېلىشنى پىلان قىلغان، بىراق 23 مىڭ ياپونىيە ئەسكىرى ئارالنى قوغداپ تۇرغاچقا، ئۇرۇش بىر ئاي داۋاملىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 26 مىڭ ئەسكەر قۇرغان بولۇش بەدىلىگە ئارالنى قولغا ئالغان.
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېرمىدا تىمساقنىڭ ئادەم يېيىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ كۈنى نەچچە مىڭ ياپونىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بېرمىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، كېچىدە، ياپونىيە ئارمىيىسى يۆتكەلمەكچى بولغاندا، نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تىمساھ كىشىلەرگە قاراپ كەلگەن، ئەسكەرلەر ئوق چىقىرىپمۇ تىمساقنى قورقۇتالمىغان. بىردەمدىلا تېخىمۇ كۆپ تىمساھ پەيدا بولۇپ، ئەسكەرلەرنى يەۋەتكەن، 900 دىن ئارتۇق كىشى تىمساق تەرىپىدىن يېيىلگەن.
1941-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى لوندۇنغا كەڭ كۆلەمدە ھاۋا ئۇرۇشى باشلىغان.
ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى لوندون