• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-15 16:50:04
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن توققۇز يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. بۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش 1988-يىلى 5-ئايدىن باشلانغان. بۇ قېتىملىق ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرق بىلەن غەرپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي بولۇشىدىكى توساقنى ئېلىپ تاشلىغان.sYYئاقيول تور بىكىتى

        1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز«تۇنجى تۈركۈمدىكى تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇ مەدەنىيەت شەھەرلىرىدە تارىخىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلەر:بېيجىڭ، چېڭدې، داتۇڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ، زۈنيى، يەنئەن، چۈفۇ، لوياڭ قاتارلىقلار.sYYئاقيول تور بىكىتى

        1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىنگاپور ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سىنگاپورنى قوغداۋاتقان ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەنگلىيە ئەسكىرى 130 مىڭدىن ئاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاران 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىدى.sYYئاقيول تور بىكىتى


    sYYئاقيول تور بىكىتى

        1564-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلەر ئىلمىنى ياراتقۇچى، ئىتالىيە ئاسترونومىيە، فىزىكا ئالىمى گالىلىي ئىتالىيەنىڭ پىسا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىتالىيە پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 17 ياشلىق بىر بالا بولۇپ، ئۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇ دائىم ھەقىقەت ئەمەلىي كۈزىتىش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىش كېرەك دەيتتى. 1586-يىلى ئۇ «ئېغىرلىق نەزىرىيىسى» نى ئېلان قىلدى. 1589-يىلى، گالىلىي داڭلىق پىسا يانتۇ مۇنارىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىلىرى رىم پاپاسى بىلەن دىنىي مۇرتلارنى غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇنى تۈرمىگە سولىدى. 1989-يىلى رىم پاپاسى گالىلىينىڭ خاتا ئەيىپلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 347 يىلغا سوزۇلغان ئۇۋالچىلىق ئاخىرى ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى.sYYئاقيول تور بىكىتى


    sYYئاقيول تور بىكىتى

    sYYئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز