• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-12 13:51:12
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالىملار تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ گېن سخېمىسىنى ئېلان قىلغان. ئالتە دۆلەتنىڭ ئالىملىرى بىرلىكتە قاتناشقان خەلقئارا ئىنسانىيەت گېن گۇرۇپپىسى ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسى سخېمىسىنى ئېلان قىلىپ، ھاياتلىق ئىلمىدىكى «ئايغا چىقىش پىلانى» تەتقىقات تۈرىدە زور نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ ئىنسانلارنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئاساس سالدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىكى 23 جۈپ خروموسومدىكى DNA نىڭ تەرتىپىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاقسىلنىڭ گېننى كودلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بايقىغان.42Mئاقيول تور بىكىتى

    42Mئاقيول تور بىكىتى


    42Mئاقيول تور بىكىتى

        1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى چەتئەل پۇتبول كوماندىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ۋېنگرىيە كوماندىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، بۇ كوماندا ئالدى كەينى بولۇپ بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردە مۇسابىقە ئېلىپ باردى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەتتە بولغان چەتئەل دۆلىتى.42Mئاقيول تور بىكىتى

        1934-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيە خەلقى فاشىستلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1930-يىلىدىن كېيىن، فرانسىيە ئىقتىسادىدا كىرىزىس يۈز بەرگەن. سىياسىي ۋەزىيەتتە تەۋرىنىش بولدى. «ئوت كىرىست ئەترىتى»،«ۋەتەنپەرۋەر ياشلار» ئەترىتى قاتارلىق فاشىست ئەترەتلىرى قۇرۇلغان. فرانسىيە ئىشچىلىرى جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى تۈزۈمىنى قوغداپ، فرانسىيە فاشىستلىرى بىلەن پارىژ كوچىلىرىدا توقۇنۇشتى. فرانسىيە خەلقى «بىر تۇتاش ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيە فاشىستلىرىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداپ قالدى.42Mئاقيول تور بىكىتى

        1809-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى لىنكولىن دۇنياغا كەلگەن. ئابراھام لىنكولىن كىنتاكى شىتاتىدا ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1834-يىلى ئىللىنوي شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ«قۇللۇق تۈزۈم»نى بىكار قىلىپ، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، 1860-يىلى ئۇ پىرېزىدېنت بولغان. 1862-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى لىنكولىن دۇنياغا داڭلىق ئەسەر«مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلغان. جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي ئامېرىكا قىسمى 1865-يىلى غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن لىنكولىننىڭ نامى خەلق ئارىسىدا تېخىمۇ تارقالدى. 1864-يىلى ئۇ يەنە پىرېزىدېنتلىككە سايلاندى، بىراق 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى لىنكولىن ۋاشىنگتوندىكى فورد تىياتىرخانىسىدا قەستكە ئۇچراپ، ۋاپات بولدى.42Mئاقيول تور بىكىتى


    42Mئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز