• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ

    مەنبە : نۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 19:45:22
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

      سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ئاممىباب تەرەپ رەسمىي تۈردە يېڭى نۇسخا شالاڭنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلىنى ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئىچكى زىننەتلىشى تەڭشەلگەن بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپلىمىلەر قوشۇلغان.XOfئاقيول تور بىكىتى



    XOfئاقيول تور بىكىتى

      سىرتقى شەكلى جەھەتتىن، يېڭى نۇسخا شالاڭدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، قۇيرۇق چىرىغىنى پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان LED يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئۆزگەرتكەن. كۇدا قىسمىنىمۇ قايتىدىن لايىھەلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە يېڭى رەڭ قوشۇلغان، مېتاللىق كۆك ۋە مېتاللىق قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.XOfئاقيول تور بىكىتى




    XOfئاقيول تور بىكىتى

      ئىچكى زىننەتلىشى جەھەتتىن، يېڭى شالاڭنىڭ ئىچكى زىننەتلىشى ئازراق تەڭشەلگەن. رول لىندۇ قاتارلىق ئاپتوموبىللاردىكى ئۈچ لىمىت شەكىلنى قوللانغان، مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا ئۆلچىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان كۆرسىتىش ئېكرانى قوللىنىلغان. ئىككى تەرەپتىكى كونترول كۇنۇپكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىمۇ ئازراق تەڭشەلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىستىمالچىلار يەنە بەش ديۇملۇق سىزىمچان ئېكران ياكى 6.5 ديۇملۇق يول باشلاش سېستىمىسىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ. شالاڭغا يەنە يېڭى ئۇچۇر كۆڭۈل ئېچىش سېستىمىسى سەپلەنگەن، ئالما CarPlay ۋە گۇگۇل Android Auto سېستىمىسىنى قوللايدۇ. سەپلىمە جەھەتتىن، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى سەپلىمىلىرىنى تاللاپ سەپلەش قوشۇلغان، ئاپتوماتىك ماسلىشىدىغان چارلاش، يولدىكى قوشۇمچە ياردەم ۋە قارغۇ نۇقتىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شەھەر رايونىدا جىددىي تورمۇزلاش سېستىمىسى، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل توختىتىش بىلەن ئۈچىنچى ئەۋلاد ئاپتوماتىك توختىتىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.XOfئاقيول تور بىكىتى



    XOfئاقيول تور بىكىتى

      ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، ئاممىباب يېڭى شالاڭغا 1.4TSI ۋە 2.0TSI ئىككى نۇسخا پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتۇر سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 110kW ۋە 162kW؛ ئۇنىڭدىن سىرت، دېزىل مېيى ماتۇرى 1.6TDI ۋە 2.0TDI نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايلانما كۈچ جەھەتتىن، ئىستىمالچىلار ئالتە خوتلىق قولدا خوت ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئالتە خوتلۇق قوش موفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ.XOfئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ماشىنا ئۇچۇرلىرى