ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : ئەمدىلا باشلانغان جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە فارارى Sergio تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل فارارى 458 Spider ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھەمدە چەكلىك مىقتاردا 6 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرىنىشىنى داڭلىق ئاپتوموبىل لايىھىلەش شىركىتى پىنىنفارىنا لايىھىلەپ تاماملىغان بولۇپ، ئاساسەن 2013-يىلى چىقارغان ئۇقۇم نۇسخسىنىڭ لايىھىلەش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، گەۋدە قىسمىغا قوش رەڭ لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئارقى قانات تاختىسىغا پىنىنفارىنا شىركىتىنىڭ ماركىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلغا ئۈستى ئوچۇق لايىھە قوللىنىلغان.
قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقى قىسىم لايىھىسى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ، قېنىق كۈلرەڭلىك ماتور قاپقىغىغا ھەرە چۆنىكى شەكىللىك تورسىمان ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېغىزى لايىھىسى قوللىنىلغان، قۇيرۇق چىرىقىنىڭ شەكلى فارارى 458 نىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن. بۇندىن باشقا ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە زىيادە دىففۇزورى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تەنھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرغان.
ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىشى فارارى 458 نىڭ ئىچكى بېزىلىش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، قارا رەڭلىك ماتېرىيال بىلەن ئورالغان ھەمدە قىزىل رەڭلىك كەشتە يىپى بىلەن زىننەتلەنگەن. مەركىزى كونترول سۇپىسى كاربون تالالىق ماتىرىيال بىلەن بېزەك قىلىنغان ھەمدە يان ئورۇندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىگە «Sergio» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا فارارى 458 e Special نىڭ 4.5 لتېرلىق تەبىئىي ھاۋا سۈمۈرگۈچلۈك V8 ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 605 ئات كۈچى. كۈچ ئۇزىتىشتا ماتورغا يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. شىركەت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 96 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت پەقەت 3 سىكۇنت ئەتراپىدىكەن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال