ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، لوتۇس ئاپتوموبىل شىركىتى Evora 400 ئاپتوموبىل پاسونىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىل ھازىرقى نۇسخىدىكى Evora غا قارىغاندا، تېخىمۇ يېنىك بولغان گەۋدىگە ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەنۈرۈش كۈچ سېستىمىسىغا ئىگە. بۇ ئاپتوموبىل لوتۇش تارىخىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان ئاپتوموبىل.
تاشقى كۆرىنىشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈز لايىھىسى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ۋە ھاۋا بۆلۈش ئوقۇرى قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە LED كۈندۈزلۈك چىرىقىمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان. قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلغا يېڭى شەكىلدىكى ھاۋا بۆلۈش تاختىسى قوللىنىلغان، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئايرۇدېنامىكا لايىھىسى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شامالغا قارشى تۇرۇش كوئېففېتسېنتىنى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن. ئۇندىن باشقا ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەنئەنىۋى تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز تۇرۇببىسى ۋە قوش بەش شادىلىق بۇلى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەنھەركەت تۇيغۇسىنى نامايەن قىلغان.
ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە قارا رەڭ بىلەن قىزىل رەڭ ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىلغان بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم كۆرىنىدىكەن، كۆپ قىسىم جايلىرى خۇرۇم ماتېرىيال بىلەن ئورالغان. كۆپ ئىقتىدارلىق رولى ئۈستىگە يول ئىزلەش سېستىمىسىنىڭ كۇنۇپكىلىرى ۋە كۆپ ۋاستىلىق سېستىما كۇنۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شوپۇرنىڭ مەشغۇلاتىغا ئىنتايىن قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 3.5 لتېرلىق V6 لىق مېخانىك بېسىم ئاشۇرىلىدىغان ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 298kW ، ماكسىموم تولغىنىش مومېنتى 410 ن.م ؛ كۈچ ئۇزىتىشتا مېخانىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ۋە ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىلىق نۇسخىسى ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا سۇنىلىدىكەن. بۇندىن باشقا شىركەت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 4.1 سىكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال