سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى بۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ئاۋدى تەرەپ رەسمىي تۈردە Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش توكقا تىقىش شەكىلدىكى بىرىكمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى سەپلەنگەن ئىكەن.
ئاۋدى Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئەڭ يېڭى ئائىلىۋىي شەكىلدىكى ئالتە قىرلىق چوڭ ئېغىز شەكلىنى قوللانغان، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى لازىر نۇرلۇق چوڭ چىراغ تېخنىكىسىنى قوللانغاندىن سىرت، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سەپلەنگەن ھاۋا كىرىش ئېغىزى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن شەكلىنى قارىماققا تېخىمۇ جانلىق كۆرسەتكەن. قۇيرۇق قىسمىدا بولسا، يېڭى ئاپتوموبىل ھازىر مودا بولىۋاتقان بىر پۈتۈن شەكىلدىكى قۇيرۇق چىراغ لايىھەسىنى قوللانغان.
يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى زىننەتلەش لايىھەسى ئىخچام ھەم پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئىشلىتىلگەن پرىبورلار دېسكىسى ۋە سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكراننىڭ ھەممىسى OLED تېخنىكىسىنى قوللانغان، مەركىزىي كونتىرول قىلىش سۇپىسى رايونى سىزىمچان لايىھەگە ئەڭ يېڭى ئېلىكتىرونلۇق خوت يۆتكەش دەستىسى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىل قارىماققا تېخىمۇ ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدۇ.
يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5110*1970*1400 مىللىمېتىر، ئاپتوموبىلنىڭ ئوق ئارىلىقى 3040mm غا بارغان. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى جەھەتتىن، ئاۋدى Prologue Avant ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا بىر يۈرۈش توكقا تىقىش شەكىلدىكى بىرىكمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى سەپلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر 3.0TDI ماتور ۋە توكلۇق ماتور گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 456 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى 750n.m، سائىتىگە 100 كىلومېتىرغا چىقىشى ئۈچۈن 5.1 سىكۇنت كېتىدۇ.
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
