• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بېنىز AMG GT بۇ يىل ئاپرېلدا تۇنجى ئېلان قىلىنىدىكەن

    مەنبە : نۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 19:45:03
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

       ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : داۋاملىشىۋاتقان جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ، بىز بېنىز AMG GT نىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە دۆلەت ئىچىدە تۇنجى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق، بۇ ئاپتوموبىل ئىككىنچى پەسىلدە دۆلەت ئىچىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. 5jZئاقيول تور بىكىتى

    5jZئاقيول تور بىكىتى

    5jZئاقيول تور بىكىتى

        بۇ ئاپتوموبىل 2014-يىللىق پارىژ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي نامايەن بولغان بولۇپ، SLS AMG ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ ۋارىسى، بۇ ئاپتوموبىلغا تاق توغرا شادىلىق سالاسۇن لايىھىسى قوللىنىلغان، ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئالدى يۈزىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن. يان تەرىپىدە «V8 BITURBO» بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىكەن. قۇيرۇق قىسمىغا ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى قوللىنىلغان، گاز تۇرۇببىسىغا بولسا يۇقىرى ئىقتىدارلىق گاز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى قوللىنىلغان، ئۇندىن باشقا يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەشكە بولىدىغان ھاۋا بۆلۈش تاختىسى سەپلەنگەن. 5jZئاقيول تور بىكىتى

    5jZئاقيول تور بىكىتى

       ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بېنىزنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىھىلەش ئۇسلۇبىي قوللىنىلغان، ئىچى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرىغا كاربون تالالىق بېزەك قوللىنىلىپ، ئۇنىڭ تەنھەركەت پۇرىقى ئاشۇرۇلغان. سەپلىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى بولغان COMAND ئۇچۇر كونترول سېستىمىسى، ئارقىغا ياندۇرۇش كۆرۈلمىسى، يول ياردەمچىسى، غۇۋا نۇقتىلارنى كۈزىتىش ياردەمچى سېستىمىسى، قاتناش بەلگىسى ياردەمچى سېستىمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. 5jZئاقيول تور بىكىتى

    5jZئاقيول تور بىكىتى

       ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا سەپلەنگىنى بولسا 4.0T لىق قوش پىرقىرىغۇچلۇق ماتور بولۇپ، بۇ ماتور تەڭشىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 462 ئات كۈچى ۋە 510 ئات كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى باركەن. كۈچ ئۇزىتىشتا ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى بولسا يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسىكەن. ئىگىلىنىشچە AMG GT نىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت 4.0 سىكۇنت ، AMG GT S نىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت بولسا 3.8 سىكۇنتكەن. 5jZئاقيول تور بىكىتى


    5jZئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ماشىنا ئۇچۇرلىرى
    • شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
    • شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
    •  نۇر تورى تەرجىمىسى: شياۋمى شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل ياسايدىغانلىقى كەسىپ ساھەسىدە سىر ئەمەس, ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى, ئۇ زادى قانداق قانداق ئاپتوموبىل ياسىماقچى؟ بىرەر زاۋۇتنى تېپىپ ئاددىي ۋاكالەتچى بولماقچىمۇ, يەكى لايىھەلەشتىن تەتقىق قىلىپ ياساشقىچە ئۆزى تۇتۇش