ئاپتوموبىل ئائىلىسى 3-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ياساش داڭلىق شىركىتى ماگنا (MAGNA ) يېڭى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى MILA Plus نى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئورنى ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك بەيگە ئۇقۇم ئاپتوموبىلى دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاپتوموبىل كەلگۈسى 2-3 يىل ئىچىدە تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىكەن.
تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىل بىرقەدەر ئىخچام بولغان لايىھىسى قوللانغان، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل پاسونىغا قارىغاندا، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى سالاسۇنى ئالدى بىخەتەرلىك قاپقىغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان ھەمدە ئالدى چىراق گۇرۇپپىسى بىلەن بىر گەۋىلەشكەن لايىھىنى قوللانغان، بۇ خىل لايىھە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلغان.
قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمى ئوخشاشلا ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، بەلگىلىك سترېئولۇق تۇيغۇسىغا ۋە فانتازىيىلىك تۇيغۇسىغا تولغان. ئىگىلىنىشچە بۇ ئاپتوموبىلغا پۈتۈن ئاليۇمېنلىق قۇرۇلمىسى قوللۇنۇلغان بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1520 كىلوگىرام.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك كۈچ سېستىمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش سېستىما بىر دانە 3 گاڭلىق بېنزىن ماتورى ۋە ئىككى دانە ئېلېكترو ماتوردىن تەشكىل تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى دانە ئېلېكترو ماتور ئايرىم-ئايرىم ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئوقى ۋە ئارقى ئوقى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىگىلىنىچە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن 4.9 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن، ساپ توكلۇق ھالىتىدە 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 3.6 سىكۇنتقا قىسقارغان. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇلاپ يول يۈرۈش مۇساپىسى 500 كىلومېتىر، ساپ توكلۇق ھالىتىدە ئۇلاپ يول يۈرۈش مۇساپىسى 75 كىلومېتىر.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال