ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : يېقىندا بىز مۇناسىۋەتلىك يوللار ئارقىلىق جاگۇرا يېڭى پاسوندىكى F-TYPE نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق، بۇ ئاپتوموبىل بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، يېڭى نۇسخىدىكى F-TYPE نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى F-TYPE R تۆت چاقتىن قوزغۇتۇلىدىغان پاسونىنى چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يۈرۈش تۆت چاقتىن قوزغىتىش سېستىمىسى تاللاپ سەپلىنىدىغان سەپلىمە شەكلىدە تەمىنلىنىدىكەن ھەمدە F-TYPE R پاسونىغا تاللاپ سەپلىنىدىكەن. بۇندىن باشقا بۇ بىر يۈرۈش تۆت چاقتىن قوزغۇتۇلىدىغان سېستىما يەنە ئىمپورت قىلىنغان ماتور قاپقىغى، تەنھەرىكەت تىپىدىكى تاشقى كۆرۈنۈش زاپچاسلىرى، مەخسۇس ياسالغان 19 ديۇملۇق Volution كۈمۈچ رەڭلىك ئاليۇمىن قېتىشمىلىق بۇل شۇنداقلا تۆت چاقتىن قوزغىتىلىدىغانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان AWD بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ھازىرقى پاسوندىكى F-TYPE غا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى پاسوندىكى F-TYPE غا ئەڭ ئىلغار بولغان EPAS توكلۇق بۇرۇلۇش ياردەمچى سېستىمىسى قوللىنىلغان، سۈرئەتكە نىسبەتەن سەزگۈر ياردەمچى ۋە تەۋرىنىشنى پەسەيتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى باركەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن 4.1 سىكۇنت كېتىدىغان بولۇپ، ھازىرقى نۇسخىدىكى ئارقىدىن قوزغىتىلىدىغان پاسونىدىن 0.1 سىكونت تېزكەن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال