سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، قوش ئەجدىھار ئاپتوموبىلى رەسمىي تۈردە يۇغى ئاستىدىكى يېڭى كىچىك تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى Tivoli نى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىلنى قوش ئەجدىھار XLV ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاساسىدا ياساشتىن بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.
قوش ئەجدىھار Tivoli نىڭ ئالدى يۈزىنىڭ شەكلى جانلىق مودا، بولۇپمۇ قارا رەڭلىك يانتۇ رىشاتكا ئىككى تەرىپىدىكى LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىغى بولغان ئالدى چوڭ چىرىغى. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىل ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئىككى تەرىپىگە تۇمان چىرىغى سەپلەنگەن، ئاستىنقى قىسمىغا تورسىمان رىشاتكا لايىھەسى قوللىنىلغان.
ئىچكى زىننەتلەش قىسمىغا كەلسەك، قوش ئەجدىھار Tivoli غا سەپلەنگەن قوش زەمبىرەك ئېغىزى شەكلىدىكى پرىبورلار دىسكىسىمۇ ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ھەرىكەتچان تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان. سەپلىمە جەھەتتىن، بۇ ئاپتوموبىلغا چوڭ ئۆلچەملىك سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ۋە ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى جەھەتتىن، قوش ئەجدىھار Tivoli غا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.6L لىق بېنزىن ماتورى ۋە 1.6T لىق دېزىل ماتورى سەپلەنگەن. ئايلانما كۈچ سېستىمىسى جەھەتتىن، بۇنىڭ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ياكى ئالتە سۈرئەتلىك قول ۋە ئاپتوماتلىشىش بىرلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قوش چاقتا ۋە تۆت چاقتا قوزغىلىشنى تاللاش ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال