نۇر تورى خەۋىرى:
تۆۋەندە بىرلىكتە بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو تاماشا ساھەسىدىكى ئالدىنقى ئون داڭلىق ئايال چولپاننىڭ يىللىق كىرىم ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
10. جوشۈن، يىللىق كىرىمى 15 مىلىيون يۈەن
جوشۈن جېجىياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھىرى خېچېڭ رايونىدا تۇغۇلغان، جېجىياڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى مىللىيچە ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1991-يىلى تۇنجى قېتىم رولغا چىققان.
9. شۇچى، يىللىق كىرىمى 30 مىلىيون يۈەن
ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئىشتىن سىرت مودىل بولغان. 1996-يىلى تەيۋەن، شىياڭگاڭغا بېرىپ تەرەققىي قىلغان. ئىلگىرى شىياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداش رولچى، ئەڭ يېڭى ئارتىس ئىككى تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىياڭگاڭ تارىخىدىكى بىردىنبىر قۇرامىغا يەتكەنلەر فىلىمى ئىشلەشتىن مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشىشكە ئۆزگەرگەن ئايال چولپانغا ئايلانغان.
8. لىيۇشاۋچىڭ، يىللىق كىرىمى 32 مىلىيون يۈەن
لىيۇشاۋچىڭ، دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس، ئىلگىرى ئاۋام كىنو مۇكاپاتىدا كۆپ قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداش رولچى، ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
7. لىن شىنرۇ، يىللىق كىرىمى 45 مىلىيون يۈەن
جۇڭخۇا تەيۋەنلىك داڭلىق ئارتىس، ناخشىچى ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى. 17 ياش ۋاقتىدا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئېلان مودىلى بولۇپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى «مەلىكە خۈەنجۇ» يۈرۈشلۈك تېلۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ، بىراقلا نام قازانغان.
6. جاۋۋېي، يىللىق كىرىمى 56 مىلىيون يۈەن
جۇڭگودىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ھەم ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئارتىس، ناخشىچى.
5. جاڭ بوجى، يىللىق كىرىمى 75 مىلىيون يۈەن
جۇڭگو شىياڭگاڭلىق داڭلىق ئارتىس، ناخشىچى. 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى شىياڭگاڭ يومادىدا تۇغۇلغان. 1998-يىلى جوشىڭچى تەرىپىدىن بايقىلىپ، «كومىدىيە شاھى» دا ئايال باش رولچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىراقلا نام قازانغان.
4. لىيۇ جىيالىڭ، يىللىق كىرىمى 90 مىلىيون يۈەن
80-يىللاردا نام قازانغان.
3. گوڭلى، يىللىق كىرىمى 90 مىلىيون يۈەن
خەلقئارا سەھنىدە نەتىجە، ئورۇن ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگولۇق ئارتىس. 1987-يىلى تۇنجى قېتىم رېژىسسور جاڭ يىمو بىلەن ھەمكارلىشىپ، «قىزىل قوناق» ناملىق فىلىمگە تايىنىپ بىراقلا نام قازىنىپ، دۆلەت ئىچى سىرتدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشكەن، تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ «دەۋر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان جۇڭگولۇق سەنئەتكار چولپانغا ئايلانغان.
2. جاڭ مەنيۈ، يىللىق كىرىمى 110 مىلىيون يۈەن
دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى ئارتىس، ب د ت بالىلار فوندى جەمىيىتىنىڭ جۇڭگو ئەلچىسى، ئېدىنبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەخرى دوكتۇرى. جاڭ مەنيۈ ئېرىشكەن شان-شەرىپى ئەڭ كۆپ جۇڭگولۇق ئارتىس.
1. جاڭ زىيى، يىللىق كىرىمى 120 مىلىيون يۈەن
1998-يىلى جاڭ يىمو تەرىپىدىن بايقالغان، «دادام-ئاپام» فىلىمىدە رول ئالغان، بۇ فىلىم بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جاڭ زىيى بىراقلا نام چىقارغان. 99-يىلى لىئەن رىژىسورلۇق قىلغان فىلىمدە رول ئالغان، بۇ فىلىم ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.