سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
فىلىم ھەققى: چېن داۋمىڭ، چېن باۋگو بىر قىسىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن
فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، چېن داۋمىڭ، چېن باۋگو، سىچىنگاۋۋا قاتارلىق بۇ نوپۇزلۇق ئىچكى ئۆلكىدىكى بىرىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ تېلۋىزىيە تىياتىرىغا رولغا چىقىش ھەققىسى بىر قىسىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە قاتلانغان.
ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ ھەققى بىر قىسىمى 70-80 مىڭ يۈەن--بەش يىل ئىلگىرى چېن داۋمىڭنىڭ باھاسى دەل مۇشۇنداق ئىدى. بۇندىن سىرت، خۇاڭ شاۋمىڭدەك بۇنداق يېڭىدىن بىرىنچى لىنىيەگە ئۆسكەن ئارتىسنىڭ ھەققى بىر قىسىمى 150 مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا ئىدى. بۇ باھا بويىچە ئاددى غىنە ھېسابلاپ باقساق، ئادەتتە بىرىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلار 30 قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىدىن ئىككىنى ئىشلەشكە قاتناشسىلا ھەققى ئون مىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن نەچچە مىلىيون يۈەن بولىدۇ.
شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك ئارتىسلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىگە كېلىپ كان قېزىش تەمىناتىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئاز بولمىغان بازارغا زەربە بېرىدىغان چولپانلار باھانى قويىۋېتىدۇ، مەسلەن يۈشىمەننىڭ ئىچكى ئۆلكىدە رولغا چىقىش ھەققى بىر قىسىمى 40 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىدىكى ئىككىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسنىڭ باھاسىغىمۇ يەتمىگەن. ئەمما ئاز بولمىغانلىرى ئاساسنى بۇزىۋەتكەن، ھەققى شىياڭگاڭدىكىنىڭ ئۈچ-تۆت ھەسىسىگە تەڭ كەلگەن، بىر قانچە يىل ئىلگىرى جاڭ بوجى بىر قىسىمى 160 مىڭ يۈەن باھادا فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان، شىيې تىڭفېڭ بىر قىسىمى 150 مىڭ يۈەن باھادا فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان.
ئويۇن قويۇش: جاڭ شۆيوۋ، جو جىيېلۈن باھاسى 700 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى
دۆلەت ئىچى بازىرىدا، شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك ناخشىچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ھەققى ئىچكى ئۆلكىدىكى ناخشىچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ھەققىدىن يۇقىرى. يېقىندا بىر نۇسخا چولپانلارنىڭ ئويۇن قويۇش باھا جەدىۋىلى ئاشكارلاندى، جاڭ شۆيوۋ، لىيۇ دېخۇا، چەي يىلىن قاتارلىقلارنىڭ ئويۇن قويۇش باھاسى 700 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان.
ئېلان: شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك چولپانلارنىڭ ئون نەچچە مىلىيون يۈەن
ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغىنى يەنىلا ئېلان ۋاكالەتچىسى، ۋاقتى قىسقا، كىرىمى يۇقىرى، يەنە ئۆزى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. سۇ يوپىڭ، لىن شىنرۇ، خۇاڭ شاۋمىڭ قاتارلىق چولپانلارغا ئىگە بولغان خۇايى قېرىنداشلار ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇخبىرغا ئىچكى ئۆلكىدىكى بىرىنچى لىنىيەدىكى سەنئەتكارنىڭ ئېلان ھەققى 2 مىلىيون يۈەندىن يۇقىرى، ئىككىنچى لىنىيەدىكى سەنئەتكارنىڭ ئېلان ھەققى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى، ئەكىسچە شىياڭگاڭ، تەيۋەنلىك سەنئەتكارلارنىڭ باھاسىنىڭ نەچچە مىلىيون يۈەن، ھەتتا ئون نەچچە مىلىيون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
چولپانلارنىڭ باھاسى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
ىۇايى قېرىنداشلار ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇخبىرغا چولپاننىڭ باھاسى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە، باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ، ھەر يىلىدىكى باھامۇ تەڭشىلىپ تۇرىدۇ. تەسىر دائىرىسى بارمۇ- يوق، ئىشلىگەن ئەسىرى بارمۇ-يوق، خەلقئارالىق، دۆلەت ئىچى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنمۇ-يوق، ھەتتا سەتچىلىك خەۋىرى بارمۇ-يوق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چولپاننىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەريىلى شىركەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدا باھا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
زادى ئەرزىمدۇ-يوق؟
چولپانلارنىڭ باھاسى زىيادە يۇقىرى، كىشلەر ئىختىيارسىز بۇ زادى ئەرزىمدۇ-يوق؟ دەپ سورىشىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن باشلاپ، ئاز بولمىغان چەكلەش بۇيرۇقى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنى ئېھتىيات قىلىش، تېلۋىزىيە تىياتىرىغا سالغان مەبلەغنى كېمەيتىشكە بۇيرۇدى، ئەمما ئوخشاشلا ئارتىسلارنىڭ باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
ھازىر ئاز بولمىغان «چولپان ئېففىكتى» نىڭ دەردىنى تارتقان مەبلەغ سالغۇچىلار تىرىشىپ بۇ خاتا رايوندىن چېكىنىپ چىقتى، بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلى، بىرمۇ چولپان يوق «تۇيۇقسىز زەربە بېرىش» قىزىغاندىن كېيىن، ئاز بولمىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى ئويغاتتى.